Uyghur主要词典
پاساڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرماق - بەرگىلىرىنىڭ كۈزدە شېخى، پىلىكىدىن چۈشۈپ قۇرۇپ قالغىنى.
غازاڭ چۈشتى، قىش كىردى. ياشلىق ئۆمرۈڭ غازاڭ بولمىسۇن. پاسار ئوتىنىڭ كۈلى چوڭ، ساپساپچىنىڭ گېپى. پىلەكنىڭ مېۋىسىدىن پاسىڭى جىق چىقتى.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ياستۇق ياغاچ؛ ھارۋا شوتىسىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئىككى يوتىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان چېتىق ياغاچ.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
غازاڭ (خازان). مەسىلەن: قوغۇننى پاساڭداش _ قوغۇننى غازاڭ قىلىش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
باش قوناق، قوغۇن - تاۋۇز قاتارلىق ئۈزۈپ ئېلىنىدىغان زىرائەتلەرنىڭ چالا قالغان قىسمى.
پاساڭ بولماق. پاساڭ قىلماق.
بۈگۈن پۈتۈن مەھەللىلەردىكى ئۇششاق بالىلار قوغۇن پاساڭ قىلدى.