Uyghur←Chinese主要词典
پارغا ئايلاندۇرۇش نىسبىتى
بىئولوگىيە
蒸腾比率
zhēngténgbǐlǜ
ئۆسۈملۈكنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە بىرلىك يوپۇرماق يۈزىدىن پارغا ئايلاندۇرغان سۇنىڭ مىقدارى پارغا ئايلاندۇرۇش سۈرئىتى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئادەتتە ھەر بىر سائەتتە ھەر بىر كۋادرات دېتسىمېتر ئورۇندىن پارغا ئايلاندۇرۇلغان سۇ مىقدارىنىڭ گرام سانى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ بىر كىلوگرام سۇنى سەرپ قىلىش ئارقىلىق ياسايديغان قۇرۇق ماددىسىنىڭ گرام سانى پارغا ئايلاندۇرۇش نىسبىتى دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پارغا ئايلاندۇرۇش نىسبىتى سۇ 1 - gg / 1000g ، كۆپ ساندىكى زىرائەتلەرنىڭ سۇ 2 - 10g/ 1000g بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پارغا ئايلاندۇرۇش كۆرسەتكۈچى پارغا ئايلاندۇرۇش كوئېففىتسېنتى ئارقىلىقمۇ ئىپادىلىنىدۇ. بىر گرام قۇرۇق ماددا ياساش ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان سۇنىڭ گرام سانى پارغا ئايلاندۇرۇش كوئېففىتسېنتى دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پارغا ئايلاندۇرۇش كوئېففىتسېنتى 125 ~ 1000، كۆپ ساندىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ 100 ~ 500 گىچە بولىدۇ.
ئورمانچىلىق
蒸腾效率
zhēng téng xiào lǜ