Uyghur←Chinese主要词典
پارفېنون ئىبادەتخانىسى
دۇنيا تارىخى
帕提侬神庙
pà tí nóng shén miào
يەنى ئافىنا ئىبادەتخانىسى. قەدىمكى يۇناننىڭ ئافىنا شەھەر دۆلىتى ئۆزنىڭ ھامىيىسى، مەبۇدە ئافىنا پارفېنونغا نەزىرچىراغ قىلىش ئۈچۈن ياسىغان ئىبادەتخانا. مىلادىدىن 447-143 يىل ئىلگىرى پېرىكل ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە ياسالغان. پۈتۈنلەي ئاق مەرمەر تاشتىن ياسالغان بولۇپ، ئافىنا شەھىرىدىكى بىنالار ئىچىدە مەشھۇر بىنا ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 70 مېتىرچە، كەڭلىكى 30 مېتىرچە، ئېگىزلىكى 20 مېتىرچە كېلىدۇ؛ تۈۋرۈكىدوريانچە ئۇسلۇبتا (ئاددى، توم) بولۇپ، ئەتراپىنى 64 تۈۋرۈك ئوراپ تۇرىدۇ. ئىبادەتخانىنى ئىشكتىن بىلەن كاللىكرات لايىھىلىگەن، لېكىن پۈتۈن قۇرۇلۇش فىدىياسنىڭ نازارىتى ۋە يېتەكچىلىكى ئاستىدا پۈتكەن. يان تېمىغا قەدىمكى زاماندىكى قەھرىمانلار توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر ئويۇلغان، ئوتتۇرىسىدىكى تېمىغا ئافىنانىڭ جاھان كېزىپ يۈرگەن چوڭ ئىشلىرىنىڭ خاتىرىسى(تۆت ئەتراپىدىكى توغرا تېمىغا 92 پارچە قاپارتما نەقىش چۈشۈرۈلگەن)ئويۇلغان بولۇپ، ئىنتايىن نەپىس ئىشلەنگەن. ئايۋاندا فىدىياسنىڭ ئالتۇن ۋە پىل چىشىبىلەن نەقىشلەنگەن ئافىنانىڭ ھەيكىلى بار.بىنانىڭ پۈتۈن قۇرۇلمىسى كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپ، قەدىمكى يۇناننىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىش دەۋرىدىكى بىناكارلىق ۋە نەققاشچىلىقنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. 1687-يىلدىكى تۈركىيە بىلەن ۋېنېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلىنغان.توماس ئېلگىن ئۇنىڭ بۇرۇنقى سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ پارچىلىرىنى يىغىپ ئەنگلىيىگە ئېلىپ كەتكەن، 1816-يىلى دۆلەت ئۇنى سېتىۋېلىپ، لوندون مۇزېيىدا ساقلىغان؛ بۇ مۇزېيىدىمۇ ئۇنىڭ سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ پارچىلىرى ساقلانماقتا. ھازىرغىچە يەنە ئىبادەتخانىنىڭ خارابىسى ساقلانماقتا.