Uyghur主要词典
پارازىت ئۆسۈملۈك
بىئولوگىيە
باشقا ئۆسۈملۈك تېنىدە پارازىتلىنىپ پارازىت ئىگىسى تېنىدىن ئوزۇقلۇق سۈمۈرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر. يۈسۈنلەر ۋە زەمبۇرۇغلارنىڭ پارازىتلىنىدىغان تۈرلىرى كۆپرەك، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پارازىت ياشايدىغان تۈرلىرى ئازىراق بولىدۇ. بەزىلىرى ئوت - چۆپلەرنىڭ غولىدا پارازىتلىنىدۇ. مەسىلەن، سېرىق يۆگەي، كاسىستا پېلىكى، بەزىلىرى پارازىت ئىگىسىنىڭ يىلتىزىدا پارازىتلىنىدۇ. مەسىلەن، شۇمبۇيا، ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولىدا پارازىتلىنىدىغان تۈرلەر بىر ئاز كۆپ بولۇپ، ئەڭ داڭلىق دىبىق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەردۇر. گەرچە بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەردە پارازىتىلىنىدىغان ئۆسۈملۈكلەر يېرىم پارازىتلارنىمۇ (يەنە ئۇلار فوتوسىنتېز ئېلىپ بارالىسمۇ، لېكىن يىلتىزى تۇپراقتا بولمىغاچقا، كېرەكلىك بولغان سۇ ۋە ئوزۇقلۇقنى پارازىت ئىگىسىدىن ئالىدۇ). يەنىلا پارازىت ئىگىسىگە زور زىيان سالىدۇ. پارازىت ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىققا كەلتۈرىدىغان زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر. بىراق كۆپ ساندىكى پارازىت ئۆسۈملۈكلەر ئەتىۋارلىق دورا ماتېرىيالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەسەلمە يۈرەك نەملىكىنى يوقىتىش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، قاننى ياخشىلاپ ھامىلىنى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. سېرىق يۆگەي بۆرەك ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، سپېرمىنى كۆپەيتىش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.