Uyghur←Chinese主要词典
پارازوئالار
بىئولوگىيە
侧生动物
cèshēngdòngwù
يەنى دېڭىز بۇلۇتلىرى، دېڭىز بۇلۇتلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان، باشقا مېتازوئالارغا قارىتا ئېيتىلىدىغان نىسپىي ئاتالغۇ. دېڭىز بۇلۇتلىرىنىڭ باشقا كۆپ ھۈجەيرىلىك ھايۋانلارغا قارىغاندا تۈزۈلۈش جەھەتتە ۋە تەرەققىيات جەھەتتە نۇرغۇنلىغان ئاساسەن ئوخشاشمايدىغان تەرەپلىرى بولىدۇ، تۆرەلمىلىك تەرەققىيات ۋاقتىدا تۆرەلمە قەۋەت ھۈجەيرىلىرىدە <تەتۈر ئۆرۈلۈش> ھادىسىسى بولۇپ باشقا كۆپ ھۈجەيرىلىك ھايۋانلارنىڭ تۆرەلمىلىك تەرەققىيات ۋاقتىدىكى تۆرەلمە قەۋەت شەكىللىنىشنىڭ ئەكسىچە، كىچىك تۆرەلمە ھۈجەيرىسى ئىچىگە قاتلىنىدۇ، چوڭ تۆرەلمە ھۈجەيرىلىرى بولسا، سىرتقى قەۋەتتە قالىدۇ؛ تۈزۈلۈش جەھەتتە، ئالاھىدە بولغان ياقا ھۈجەيرىلىرى، سۆڭەك يىڭنىسى ھەم قانال سىستېمىسى بولىدۇ. بۇ دېڭىز بۇلۇتلىرىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات يولىدا، گەرچە باشقا كۆپ ھۈجەيرىلىك ھايۋانلار بىلەن ئوخشاش بىر ئەجدادتىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى بالدۇر دىففېرېنسىيىلىنىپ چىققان مۇستەقىل بىر يان شاخ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇڭا پارازوئالار دەپ ئاتالغان.