Uyghur←Chinese主要词典
پاراسمپاتىك نېرۋا
پسىخولوگىيە
副交感神经
fù jiāo gǎn shén jīng
بۇ ۋېگتاتىپ نېرۋا سىسىتېمىسى ( ئاپتونومىيلىك نېرۋا سىستېمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) نىڭ بىر قىسمى. ئۇنىڭ مەركەزدىن چىقىدىغان ئورنى مېڭە سېپى بىلەن يۇلۇننىڭ توققۇز كۆز قىسمىدىكى كۈلرەك ماددىنىڭ يان بۇرجىكىدە بولۇپ، مانا مۇشۇ ئورۇنلاردىن چىققان نېرۋا تالالىرى ئەزالارغا يېقىن جايغا ياكى ئەزالار تېمى ئىچىدىكى پاراسىمپاتىك نېرۋا تۈگۈنىگە يېتىپ بارغاندا، نېرۋا تۈگۈنى ئىچىدە نېۋرون ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يەنە نېرۋا تالاسى باشلىنىپ، سىلىق مۇسكۇل، يۈرەك مۇسكۇلى ۋە بەزلەرگىچە تارقىلىدۇ. ئۇ، يۈرەك ۋە باشقا ئەزالارنىڭ پائالىيىتىنى تەڭشەيدۇ، پاراسمپاتىك نېرۋا تەسىر قىلنسا، يۈرەكنىڭ سوقۇشى ئاستىلاش، ھەزىم بەزلىرىنىڭ سۇيۇقلۇق ئاجرىتىشى ( سېكرىتى ) كۈچىيىش، كۆز قارىچۇقى تارىيىش، دوۋساق قورۇلۇش قاتارلىق ئىنكاسلارنى ( رىئاكسىيىلەرنى ) بېرىدۇ. پاراسىمپاتىك نېرۋا بىلەن سىمپاتىك نېرۋا ئۆز ئارا قارىمۇ قارشى رول ئوينايدۇ.