Uyghur主要词典
پاقالچاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ پۇتىنىڭ تىزدىن تۆۋەنكى قىسىمى.
«ماشقاق» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
«پايچەك»خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
كاللا - پاچاق يېمەيمەن، چىشنىمۇ چاقمايمەن. بېشى باش بولسۇن، پاقالچىقى تاش. شىرىقىدىن پۈۋلىسە، سەمرىدىغانلار بار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئادەم ۋە ھايۋاننىڭ تىز بىلەن ئوشۇق ئارىلىقىدىكى قىسمى.
كاللا
ئادەم ۋە ھايۋاننىڭ بېشى.
كاللا دېسەم پاقالچاق دەيدۇ، پىشۇرۇپ بېرەي دېسەم، خام يەيمەن دەيدۇ. كاللا ئۈتلەپ قۇلاق يەپتۇ، پاچاق ئۈتلەپ تۇياق (يەپتۇ). پاچاققا پىت چۈشۈپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پۇتنىڭ تىزدىن تارتىپ ئوشۇققىچە بولغان قىسمى.
كاللا دېسە پاقالچاق دېمەك.