Uyghur主要词典
پاپېز ھالقىسى
پسىخولوگىيە
نامى بېرىلگەن كەيپىيات ھەرىكىتى بىلەن كەيپىيات تۇيغۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مۇرەككەپ نېرۋا قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت، بۇ ھالقىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئارىلىق سىستېمىسىدىن ( بەزىدە گىرۋەك سىستېمىمۇ دېيىلىدۇ ) ئىبارەت. بۇ بىر ھالقىسىمان نېرۋا يولى بولۇپ، سەقەنقۇر پۈرمىسى غىدىقلانغاندا كەيپىيات جەريانى پەيدا بولىدۇ. ئىمپۇلس قاداق تەنچە ( مېڭە شارلىرى چېتىقى ) ئاستىدىكى ئاق تالالار ئارقىلىق تۆۋەندىكى كۆرۈش دۆڭچىسىنىڭ توپچىسىمان تەنچىسىگە بارىدۇ؛ تۆۋەندىكى كۆرۈش دۆڭچىسىدىن كۆرۈش دۆڭچىسىنىڭ ئالدىنقى يادروسىغا بارىدۇ؛ يەنە قايتىپ چوڭ مېڭىنىڭ ئىزما پۈرمىسگە بارىدۇ، يەنە قايتىپ سەقەنقۇر بىلەن مېغىزسىمان يادروغا بارىدۇ، ئىمپۇلس ئىزما پۈرمىسىدىن ئۆتكەندە قوزغىلىش چوڭ مېڭە پوستىلىقىغا تەسىر قىلىپ، ئاڭ تۇيغۇسىغا كەيپىيات تۈسىنى بېرىدۇ. بۇ ھالقىنىڭ مەركەزدىكى كەيپىيات قۇرۇلمىسى ئىكەنلىكىنى، كەيپىيات ھەرىكىتى بىلەن كەيپىيات تۇيغۇسى مۇشۇ نېرۋا قۇرۇلمىسىدا بىر پۈتۈن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. 1937 _ يىلى پاپېز كەيپىيات فىزىئولوگىنىسىنىڭ ئىلگىرىكى بارلىق ماقالىلىرىنى يەكۈنلەپ، كەيپىياتنىڭ ئارىلىق سىستېما تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ تەلىماتنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى شۇكى، پاپېز ھالقىسىنىڭ فۇنكسىئونال پۈتۈنلىشىش رولىنى بىرىنچى قېتىم توغرا بايان قىلدى، ئۇ بايان قىلغان مەركىزىي تەلىماتلىرىدىن ناھايتى كەڭ. 1949 _ يىلى ماكلىن پاپېزنىڭ كەيپىيات نەزەرىيىسىنى تەرەققىي قىلىدۇردى. ئۇ، مېغىزسمان يادرو بىلەن سەقەنقۇرنى كەيپىيات تۇيغۇسىنىڭ ئارىلىق ۋاستىچى ئورگىنى دەپ ھېسابلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى ئۇ پاپېز _ ماكلىن كەيپىيات تەلىماتى دەپ ئاتالماقتا.