Uyghur←Chinese主要词典
پاپېن
دۇنيا تارىخى
巴本
bā běn
(1879 - 1969) گېرمانىىنىڭ زۇڭلىسى (1932). ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1907 - يىلى ئاتلىق ئەسكەرلەر جۇڭۋىيىسى بولغان. 1913-يىلى قۇرۇقلۇق ئرمىيە باش شىتابىغا يۆتكەلگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاشنىڭ ئالدى ـ كەينىدە، مېكسىكا ۋە ئامېرىكىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئەمەلدارى بولغان، 1915-يىل جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغاچقا ئامېرىكا چېگراسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1918-يىل تۈركيىنىڭ پەلەستىندە تۇرۇشلۇق تۆتىنچى ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن سىياسىي ساھەگە كىرىپ، پرۇسسىيە شتات پارلامېنتنڭ ئەزاسى ۋە كاتولىك دىنى مەركىزىي پارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانات باشلىقلىرىدىن بىرى بۇلۇپ قالغان. گېرمانىيە مونوپول كاپىتال گۇرۇھى بىلەن قۇدا چۈشۈش ئارقىلىق قۇيۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1932-يىلى 6-ئايدا زۇڭلى بولغان ھەمدە شۇ سەۋەبتىن كاتولىك دىنى مەركىزى پارتىيىسىدىن چىقىرىلغان. شۇ يىلى 21-ئايدا تەختتىن چۈشكەن. 1933-يىلى 1-ئايدا، ناتسىستلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، گىتلىر ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغان. 1934-يىلى 7-ئايدا، گىتلېر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ ئىچكى كابىنېتتىن چىقىرىلغان ۋە ئاۋستىرىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان (1936-يىلدىن باشلاپ باش ئەلچى بولغان). گېرمانىيىنىڭ ئاۋستىرىيىنى يۇتۇۋېلىشىغا ئاكتىپلىق بىلەن كۈچ چىقارغان. 1939-1944-يىللىرى تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. 1945-يىلى 4-ئايدا، رۇر دېگەن جايدا ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ئەسىر چۈشكەن، ياندۇرقى يىلى نيۇرىنبېرگ خەلقئارا ھەربىي سوت تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن، ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىغان.