Uyghur主要词典
پان تۈركىزم
دۇنيا تارىخى
ئوسمانىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۈرك بۇرژۇئا - پومېشچىكلار گۇرۇھىنىڭ شوۋىنىزملىق ھەرىكىتى. تۈركىيە تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان بارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن ھۆكۈمرانىلق قىلىش كېرەك، دېگەننى تەرغىپ قىلغان. بۇ ھەرىكەت دەسلەپ روسىيىنىڭ قىرىم ۋە ۋولگا دەرياسى ۋادىلىرىدا ياشىغۇچى تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە بارلىققا كېلىشىگە باشلاپ، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەكىللەنگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كەڭ تارقالغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فاشىزمنىڭ تۈركىيىدىكى ئۆگەرتىلگەن تۈرىگە ئايلىنىپ قالغان.