Uyghur←Chinese主要词典
پانىپان جېڭى
دۇنيا تارىخى
帕尼帕特战设
pà ní pà tè zhàn shè
ⅩⅥ ئەسىردىن ⅩⅧ ئەسىرگىچە ھىندىستاننىڭ دېھلى ئەتراپىدىكى پپنىپاتتا ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ قېتىملىق جەڭ. (1) 1526-يىل 4-ئاينىڭ 21-كۈنى، بابۇر 12000 كىشىلىك قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ، قارا مىلتىق (تۈفەڭ) ۋە توپ - زەمبىرەك بىلەن دېھلى سۇلتانى ئىبىراھىم لودىنىڭ 40000كىشىلىك (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە 100 مىڭ كىشىلىك) ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، دېھلى بىلەن ئاگرانى ئىشغال قىلىپ، موغۇل ئىمپرىيىسىنى قۇرغان. (2) 1556-يىل 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى ئەكبەرنىڭ باش ۋەزىرى بايرمخان 10000 كىشىلىك قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ، ئافغانىستان گنېرالى خېمۇ قوماندانلىقىدىكى 50000 كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن (1500 ئۇرۇش پىلى بار) نى مەغلۇپ قىلغان. خېمۇغا يا ئوقى تېگىپ، ئەسىرگە چۈشكەندە ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئەكبەر موغۇل ئىمپرىيىسىنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەن. (3) 1761-يىل 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، ھىندىستاندىكى ماراتلارنىڭ يولباشچىسى ساد شېئوبائو 45000 كىشىلىك قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ، ئافغانىستان پادىشاھى ئەخمەد شاھ دوررانىنىڭ 60000 كىشىلىك قوشۇنى بىلەن ھەل قىلغۇچى جەڭ قىلغان، ماراتلار مەغلۇپ بولغان، موغۇل ئىمپېرىيىسى قاتتىق بۇغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئىسمى بار جىسمى يوق بولۇپ قالغان. ئافغانىستانمۇ ئاجىزلاشقان، بۇ جەڭ ھىندىستان يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندا مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.