Uyghur主要词典
پانكرىئاس بېزى
بىئولوگىيە
<ئاشقازان ئاستى بېزى>، <ئۇيقۇ بېزى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇمۇرتقىلىق ھايۋانلار تېنىدىكى مۇھىم بىر ھەزىم قىلىش بېزى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئىچكى ئاجرىتىش رولىغىمۇ ئىگە. پانكرېئاس بېزى تاشقى ئاجرىتىش بېزى سۈپىتىدە پانكرىئاس سۇيۇقلۇقى (ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقى) ئاجرىتىپ پانكرېئاس نەيچىسى (ئاشقازان ئاستى بەز نەيچىسى) ئارقىلىق ئون ئىككى بارماق ئۈچەيگە كىرگۈزۈپ تەركىبىدىكى كۆپ خىل ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرى ئارقىلىق ئاقسىل، ماي، قەنت، يادرو كىسلاتاسى قاتارلىقلارنى ھەزىم قىلدۇرىدۇ. ئۇ ئىچكى ئاجرىتىش بېزى سۈپىتىدە، چوڭلۇقى ئوخشىمىغان ھۈجەيرە كاللەكلىرى يەنى <لانگېرگانس (ئاشقازان بېزى) ئارالچىلىرى> دىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاجرىتىپ چىقارغان گورمونى ئىنسۇلىن ھەم لانگېرگانس گلۇكاگونىدىن ئىبارەت بولۇپ، قەنت ئالمىشىشنى تەڭشەش رولىغا ئىگە.