Chinese→Uyghur主要词典
庞培
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
páng péi
پومپېي
دۇنيا تارىخى
پومپېي
(1)گىنائېئۇس پومپېي (مىلادىدىن ئىلگىرى 106 - 48) قەدىمكى رىم قوماندانى ھەم سىياسىئونى. پىسىنو رايونىدىكى كاتتا ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان.سۇلالىنىڭ قوللىغۇچىسى. مىلادىدىن 81 يىل ئىلگىرى ئەتراپىدا سۇللانىڭ سىتسىلىيە ئارىلىدىكى مارىئۇسنىڭ قالدۇق قوشۇنلىرىنى يوقىتىشقا ياردەم بەرگەن ھەمدە ئافرىقىغا بېرىپئۇرۇش قىلغان. سۇللا ئۆلگەندىن كېيىن (مىلادىدىن 78 يىل ئىلگىرى) داۋاملىق ھالدا ئاقسۆڭەكلەرگە مايىل بولۇپ، ئاددىي خەلقنىڭ باشلىقى لېپىدۇسنى باسقان. مىلادىدىن 72 يىل ئىلگىرى ئسپانىيىدە سېرتورىئۇ ھەرىكىتىنى باستۇرغان؛ كېيىن ئىتالىيىگە قايتىپ كراسنىڭ سپارتاك قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشىغا ياردەم بەرگە. مىلادىدىن 70 يىل ئىلگىرى ئارخونلۇققا تەيىنلەنگەن. مىلادىدىن 67 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى قاراقچىلارنى تازىلاشقاتولۇق ھوقۇق ئېلىپ كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان. مىلادىدىن 66 - 63 يىل ئىلگىرىكى يىلغىچە پونتو پادىشاھلىقىنى مەغلۇپ قىلىپ، مىترىدات ئۇرۇشىغا خاتىمە بەرگەن ۋە سۈرىيەپادىشاھلىقى (سېلېۋك پادىشاھلىقى) نى يوقىتىپ، پەلەستىننى ئىشغال قىلغان. مىلادىدىن 62 يىلى ئىلگىرى غەلىبە بىلەن رىمغا قايتىپ داڭق چىقارغان. بىراق سىنات ئۇنىڭ شەرقتىكى تەدبىرىگە قارىتا ئۆز پىكىرىدە قېلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان. مىلادىدىن 60 ئىلگىرى كائېسار، كراسلار بىلەن ئالدىنقى ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقىنى تۈزگەن. مىلادىدىن 56 يىل ئىلگىرى <ئۈچ كاتتىباش> ئاچقان لۇكا يىغىنىدا ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپلارنى پەسەيتكەن.مىلادىدىن 55 يىل ئىلگىرى ئارخونلۇققا تەيىنلەنگەن. كائېسارنىڭ گاللىيىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئاستا - ئاستا سىنات بىلەن مۇرەسسە قىلىپ كائېسار بىلەن قارشىلاشقان (مىلادىدىن 53 يىل ئىلگىرى كراس ئۆلگەن). مىلادىدىن 49 يىل ئىلگىرى كائېسار رىمغا ھۇجۇم قىلغاندا، ئالدىراپ - سالدىراپ بالقان يېرىم ئارىلىغا چېكىنگەن ۋە ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ كائېسار بىلەن ئېلىشقان، دەسلەپ غەلىبە قىلغان. مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرى پارسالۇ (يۇناندىكى تىسدالىيىنىڭ جەنۇبى) جېڭىدە ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولغان. قېچىپ مىسىرغا كەلگەندە ئۆلتۈرۈلگەن. پومپېينىڭ خوتۇنى جۇلىيە كائېسارنىڭ قىزى بولۇپ، مىلادىدىن 54 يىل ئىلگىرى ئۆلگەن.(2)سېكىستۇس پومپېي (مىلادىدىن ئىلگىرى 75 - 35). قەدىمكى رىم سەركەردىسى. گنائېئوس پومپېينىڭ ئىككىنچى ئوغلى. دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن (مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرى) ئاكىسى گنائېوس بىلەن ئىسپانىيىگە قېچىپ كەتكەن. مىلادىدىن 45 يىل ئىلگىرى مۇندا (ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبى) جېڭىدە كائېسار تەرىپىدىن يېڭىلىپ (ئاكىسىدىن ئايرىلغان)؛ كېيىن ئىسپانىيەنىڭ شىمالىغا يۆتكىلىپ، ئاندىن سىتسىلىيىگە بارغان. كائېسار ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن بىر مەھەل دېڭىز ئارمىيىسىنى باشقۇرغان. رىمدىكى ئىچكى نىزادىن پايدىلىنىپ سىتسىلىيە، ساردىنىينى بازا قىلىۋېلىپ، بىر تۈركۈم قۇللارنى يىغىپ قوشۇن توپلاپ، ئىتالىيىنىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلىرىغا ئۈزلۈكسىزتۈردە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان. مىلادىدىن 39 يىل ئىلگىرى تۈزۈلگەن كېلىشىمدە ئوكتاۋىيان، ئانتونىلار ئۇنىڭ دېڭىزدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. مىلادىدىن 36 يىل ئىلگىرى ئوكتاۋىيان ئارمىيىسى تەرىپىدىن يېڭىلگەن ۋە كىچىك ئاسىياغا قېچىپ شۇ يەردە ئۆلتۈرۈلگەن