Chinese→Uyghur主要词典
庞德
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
páng dé
پوۋند، پوندېر
庞德〈美〉
páng dé
پوۋند، پوندېر
دۇنيا تارىخى
پۇند
(1) روسكو پۇند (1870 - 1964) ئامېرىكىلىق قانۇنشۇناس، شۇنداقلا پراگماتىك قانۇنشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي قانۇنشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي قانۇنشۇناسلىق تەرەپدارلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. نېبراسكا شتاتىدا تۇغۇلغان. 1889 - 1890 - يىللىرى خارۋارد قانۇنشۇناسلىق شۆيۈەنىدە ئوقۇپ، كېيىن ئادۋوكات بولغان. 1897 - يىلى پەلسەپە بويىچە دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1907 - 1909 ۋە 1909 - 1910 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ غەربىي شىمال داشۆ ۋە چىكاگو داشۆسىدە قاننشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. 1910-يىلدىن باشلاپ خارۋارد داشۆسى ستور ۋە كات لېكسىيىسى بويىچە قانۇنشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان، 961 - 1936 - يىللىرى خارۋارد قانۇن شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1948 - يىلى جۇڭگوغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلىگەن ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ پراگماتىزملىق پەلسەپىنى قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيىنىڭ ئاساسى قىلىپ، <ئىجتىمائىي مەنپەئەت نەزەرىيىسى> نى تەرغىپ قىلىپ، قانۇن كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك، دېگەن؛ <قانۇن - نازارەت قىلىش قورالى> دەپ قارىغان. 1950-يىلدىن كېيىن خەلقئارا سېلىشتۇرما تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. <قانۇن پەلسەپىسىنىڭ يېتەكچى نەزەرىيىسى>، <ھازىرقى زامان قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيىسى>، <ئادەت قانۇنىنىڭ تارىخى ۋە تۈزۈمى> ۋە <قانۇنشۇناسلىق تارىخى ھەققىدە چۈشەنچە> قاتارلىق كىتابلارنى يازغان. (2) ئېزرا پوند (1885 - 1972). ئامېرىكىلىق شائىر، تەرجىمان ۋە ئەدەبىي ئوبزورچى. 1905-يىلى پېنسېلۋانىيە داشۆسىنىڭ ماگىستېرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.1907-يىلى ياۋروپاغا ساياھەتكە بارغان. كېيىن ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قېلىپ، شېئىرلارنى ئېلان قىلغان ۋە لوندون مودېرنىزمچى شائىرلىرىنىڭ داھىيىسىغا ئايلانغان. 1920-يىلى پارىژغا كۆچۈپ بارغان. 1925-يىلى يەنە ئىتالىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، فاشىزملىق ئىدىيىنى قوبۇل قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىە رادىئو ئارقىلىق ئامېرىكىغا فاشىزمنى تەشۋىق قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكىغا يالاپ ئاپىرىلىپ سوتقا تارتىلغان. 1946 - 1958 - يىللىرى ئىتالىيىدە مۇھاجىر بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىشقا رۇخسەت قىلىنغان، كېيىن شۇ يەردە ئۆلگەن. ئۇنڭ يازغان ئەسەرلىرى كۆپ. جۇڭگو، مىسىر ۋە ياپونىيىنىڭ شېئىر - قوشاقلىرىنى تەرجىمە قىلغان. ئىماژىنىزمغا ۋەكىللىك قىلىپ شېئىرلارنىڭ قاپىيە ۋەۋەزنىگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت رىتىم - تۇراققىلا ئەھمىيەت بېرىپ، شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىككە ئىنتىلىش كېرەك، دەپ ھېسابلىغان.