Chinese→Uyghur主要词典
庞贝
دۇنيا تارىخى
پومپېي
ئىتالىيەنىڭ نېئاپول قولتۇقى ئەتراپىدىكى قەدىمكى شەھەر. ئورنى كامپانىيە تەۋەسىدە بولۇپ، ۋېسوۋى يانار تېغىدىن تەخمىنەن ئون كىلومېتىر يىراقلىقتا. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردە قۇرۇلغان. ئىمپېراتور تىتۇس تەختتىكى مەزگىلدە يەنى مىلادىدىن 79 يىل ئىلگىرى، رىم كالېندارى بويىچە 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى يانار تاغدىن تۇنجى قېتىم ماگمىلار ئېتىلىپ چىقىپ پۈتۈن شەھەر ۋەيران قىلىنغان. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بايقالغان، 1748 - يىلى رەسمىيقېزىلىشقا باشلاپ تا ھازىرغىچە كۆپ قىسمى قېزىلىپ بولغان. خارابىدىن قارىغاندا خارابىنىڭ ئىگىلىگەن ئورنى تەخمىنەن 8.1 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تاشتىن قوپۇرۇلغان شەھەر سېپىلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4800 مېتىر كېلىدۇ. شەھەردە كۇچا - رەستىلەر گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، يوللارغا تاش ياتقۇزۇلغان غەربىي جەنۇب رايونىدا تىك تۆت تەرەپلىك مەيدان بار، ئەتراپىدىكى قۇرۇلۇشلار تولىمۇكۆركەم، يۇڭ توقۇلما، گۆھەر، ئەينەك، مېتالچىلىق ۋە بولكا پىشۇرۇش قاتارلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىلىرى بار. دۇكانلارغا تۈرلۈك تاۋارلار، ھەرخىل دورىلار ۋە پەسىلگە لايىق مېۋە - چىۋىلەر تىزىلغان. ئارخېئولوگلار يەنە كۆپلىگەن ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى(تام رەسىم، قاپارتما رەسىم قاتارلىقلار) شۇنىڭدەك بىر قىسىم داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تاپقان. ئىشقىلىپ قەدىمكى رىم، بولۇپمۇ ئىمپېرىيىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى ئىتالىيە جەمئىيىتى ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتكەن.