Chinese→Uyghur主要词典
庞巴尔
دۇنيا تارىخى
پومبال
(1699 - 1782) پورتۇگالىيە باش ۋەزىرى (1756 - 1777). ئەسلى ئىسمى ساباستاۋ جوسې دې كارۋالوئې مېللو. كوئىمبرا داشۆسىدە قانۇن ئوقۇغان، كېيىن سىياسىي ۋەتارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 7331 - يىل خانلىق تارىخ پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1738 - 7491 -يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پورتۇگالىيىنىڭ لوندون ۋە ۋېنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. يوسېف (1714 - 1777) پورتۇگالىيە كورۇلى بولغاندىن كېيىن، 1750 - 1756 - يىللىرى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1769 - يىلى گراف پومبال بولۇپ تەيىنلەنگەن. باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن چاغلىرىدا ئەيسا جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىنى قوغلاپ، بىر قىسىم ئىبادەتخانىلارنى تاقىۋەتكەن، يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ھەققىدە خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى يەرلەرنىڭ كۆلىمىنى بەلگىلەپ، شىركەت قۇرۇشقا يول قويغان، دىندىن خالى مەكتەپلەرنى ئېچىپ، داشۆ مائارىپىنى يېڭىلىغان. ئىسلاھات جەريانىدا يۇقىرى بېسىملىق ۋاسىتە قوللانغان. كورۇل يوسېف ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ھەمدە ئۆمۈرۋايەت پايتەختتىن قوغلانغان.