Uyghur←Chinese主要词典
پالمارېس جۇمھۇرىيىتى
دۇنيا تارىخى
帕尔马雷斯共和国
pà ěr mǎ léi sī gòng hé guó
ⅩⅡ ئەسىردە برازىلىيە قاچقۇن نېگىر قۇللىرىدىن تەشكىل تاپقان دۆلەت. پالمارېس پورتۇگالچە Palmares نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، پالما دەرىخى دېگەن مەنىدە، بۇ دۆلەت پالمازارلىققا جايلاشقان بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. تەخمىنەن 1633-يىلى برازىلىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قاچقۇن نېگىر قۇللار مونداۋو دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا بىرلىشىپ بۇ جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان، مەركىزىي ماكاك شەھىرى بولۇپ، تەخمىنەن 20000 ئاھالىسى بولغان. ئۇلار ئافرىقىدىكى بەنتۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە بىر نەپەر دۆلەت باشلىقى سايلاپ، ئەدلىيە تۈزۈمى ئورنىتىپ، يەرلەرنى تەقسىم قىلىپ، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن سودا قىلىشقان. ئاھالىسىنىڭ كۆپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. نېگىرلار تەخمىنەن 10000 كىشىلىك ئارمىيە تەربىيىلىگەن. 1654 - 1678-يىللىرى پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى كۆپ قېتىم چېكىندۈرگەن ھەمدە مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتنى 1678-يىلى ئۇرۇش توختىتىش سۈلھىسى تۈزۈشكە مەجبۇرلىغان. 1694 - يىلى 6000 كىشىلىك پورتۇگالىيە ئارمىيىسىنىڭ قورشاپ ھۇجۇ قىلىشىغا ئۇچرىغان. نېگىر جەڭچىلەر باتۇرلارچە جەڭ قىلغان، ئىككىنچى يىلغا كەلگەندە ئاخىرى مەغلۇپ بولغان.