Uyghur←Chinese主要词典
پالما مەرىزى
بىئولوگىيە
茯苓
fúlíng
زەمبۇرۇغلار تىپى، بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار سىنىپى، كۆپ تۆشۈكلۈك زەمبۇرۇغلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. دائىم بىز ئېيتىپ كېىۋاتقان پالما مەرىزى پالما مەرىزىنىڭ شاكىلى بولۇپ ھەر خىل بولىدۇ. زەمبۇرۇغ شاكىلى شارسىمان، ئېللىپىس ۋە رەتسىز كاللەكسىمان بولىدۇ. ئۇنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. كىچىكىنىڭ ئېغىرلىقى بىر قانچە سەر، چوڭنىڭ ئېغىرلىقى بىر قانچە جىڭ، بىر قانچە ئون جىڭ، ھەتتا يۈز جىڭغا يېقىن كېلىدۇ. زەمبۇرۇغ شاكىلىنىڭ يۈزى قوتۇر بولۇپ، ئۆسمىسىمان پۈرمىلەر بولىدۇ، يېڭى ۋاقتىدا ئاچ سېرىق ياكى جىگەررەڭ بولۇپ، قورۇغاندىن كېيىن قارامتۇل قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ئىچى ئاق ياكى ئاچ قىزغۇچ بولىدۇ، زەمبۇرۇغ شاكىلى يېتىلىپ بەلگىلىك باسقۇچقا يەتكەندە، شارائىت مۇۋاپىق بولسا خالتىلىق سپورا تېنىنى ھاسىل قىلىدۇ. خالتىلىق سپورا تېنىنىڭ سېپى بولمايدۇ. زەمبۇرۇغ شاكىلىنىڭ ئۈستىگە جايلىشىدۇ، ھەرە كۆنىكىسىمان بولىدۇ. پالما مەرىزى سۇ چىقىرىشى ياخشى، ھاۋاسى مۆتىدىل، كۈنگەي يانتۇلۇقتىكى قۇم ساز تۇپراقتا ئۆسكەن جۇڭگو قىزىل قارىغىيى، قىزىل قارىغاي، قارا قارىغاي قاتارلىق قارىغاي ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزىدا ئۆسىدۇ، ئادەتتە تۇپراقتا 20 - 30 سانتىمېتر كىرىپ تۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ ئاساسەن خۇبېي، ئەنخۇي، گۇيجۇ، سچۇەن، خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلەرگە تارقىلىدۇ. پالما مەرىزىنى ئۆستۈرۈش تارىخى بىر قانچە يۈز يىل بولسىمۇ، بىراق كۆپىنچە گۆشىنى شىلىپ ئۆستۈرۈلۈپ كەلدى. ھازىر خۇبېي، ئەنخۇي، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، فۇجيەن قاتارلىق ئۆلكىلەردە سۈنئىي يېتىشتۈرۈلگەن ئۇرۇقلۇق تېنىدىن پايدىلىنىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. پالما مەرىزىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ئۇ ئاساسەن دورىغا قوشۇلىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىي مۆتىدىل تەمى تاتلىق بولىدۇ. تالنى ياخشىلايدۇ. نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئاساسەن ئىششىق، كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىق، تال ۋە ئاشقازان ئاجىزلىقى، كۆڭلى بىئارام بولۇش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۆسۈملۈك
茯菟
fú túDئۇنىۋېرسال
茯苓
fú líng