Chinese→Uyghur主要词典
帕林顿
دۇنيا تارىخى
پاررىڭتۇن
(1871-1929)ئامېرىكا تارىخشۇناسى. 1893-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1908-1929-يىللىرى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنگلىز تىلىدىن دەرس ئۆتكەن، 1912-يىلى پروفېسسور بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ئىدىيە تەرەققىيات تارىخىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان. پۈتۈن ئۆمرىدىكى زېھىن كۈچىنى سەرپ قىلىپ، پەلسەپە، سەنئەت، ئىجتىمائىيەت ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق قاتارلىق كەڭ ساھەگە ئائىت بولغان ئۈچ توملۇق، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالغان <ئامېرىكىدىكى ئىدىيىلەرنىڭ ئاساسىي ئېقىمى> ناملىق بىر كىتابنى يېزىپ چىققان، ئۇ ئامېرىكا تارىخى تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ كىتابنىڭ ئالدىنقى ئىككى تومى 1928-يىلى پۇلىتىسېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن