Uyghur主要词典
پالاكەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوڭۇشسىزلىق، تەتۈر تەلەي.
<باسماق> بىلەن پېئىللىشىدۇ.
خەقنىڭ كۈلپىتىدىن كۈلمە، سېنىمۇ نەس بېسىپ قالىدۇ. بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا. ياخشىنىڭ شاراپىتى، ياماننىڭ كاساپىتى. كۆڭۈلدىكىدەك ئىشنى بىردەمدىلا كاساپەت باسىدۇ. پالاكەت تۆگىنىڭ يۈكىنى ئوڭلىيالماس. پالاكەت باسقاننىڭ ئىنىكى قىسسىر قالار. قىرسىق كەلسە قىرىق كۈن تۇرىدۇ. مەندە ھىچ ئىش يوق، ئۇنىڭ كېسىرىگە كەتتىم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوڭۇشسىز، تەتۈر كەلگەن قىسمەت. پالاكەت، نەس، دومىلە باسماق
ئامەت، تەلەي
ئوڭۇشلۇق، ئوڭدىن كەلگەن قىسمەت. ئامەت، تەلەي كەلمەك
ئامەت كەلسە، قوش كەپتۇ. ئامەتنىڭ تېشى تۆمۈرچىنىڭ بارغىنىنى سۇندۇرار. تەلىيىڭ كەلسە، خورىزىڭ تۇخۇم تۇغار. ئامەت ئوڭدىن كەلسە، تەلەي دۆڭدىن كېلەر. نەپسىگە ئەگەشكەن ئەخمەقلىق - پالاكەت تېگىدە ياتماقلىق. نەس باسقاننىڭ ئىنىكى قىسىر قالار. دومىلە باستى، ئىشىم ئوڭغا تارتمىدى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكىتى ئاستا، قوپال.
چاققان، چەبدەس، ئەپچىل، تېتىك، ئايىغى يېنىك
ئىش - ھەرىكىتى ناھايىتى تېز، ئەپلىك.
چاققان خوتۇننى بۆشۈك تۈۋىدە كۆرۈڭ. چېچەننىڭ تىلى، چەبدەسنىڭ قولى. ئەپچىلنىڭ ئىشى ئوڭ. توقسانغا كىرگەن تېتىك بولماس. ئايىغى يېنىك ئەلگە ياقىدۇ. مىلجىڭنى ئەزمە يېڭىدۇ. ئاغزىڭ ئەپچىل بولغۇچە، قولۇڭ ئەپچىل بولسۇن. گىجىڭدىن قورق. ئېزىلەڭگۈ ئايىغىنى سالغۇچە، چەبدەس يۇيۇنۇپ بولار. بىجىقىم خوتۇن چاي قايناتقۇچە، چاققان خوتۇن ئاش پىشۇرار. پالاكەتنىڭ بېشى يېرىق. سۆرەلمىپالاس ئىش بۇزار. ئايىغى ئېغىر ئىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. كىشىلەرنىڭ ئىختىيارىدىن، ئىرادىسىدىن تاشقىرى؛ ئۇشتۇمتۇت، كۈتۈلمىگەندە يۈز بېرىدىغان كۆڭۈلسىز ھادىسە؛ بەختسىزلىك؛ بالا - قازا؛ ئاپەت.
پالاكەت باسماق.
خۇشال بولغاندا كۆزگە پالاكەت كۆرۈنمەس (ماقال).
سۈپ. كۆچمە. چاققان ئەمەس، لەقۋا، لايغەزەل، ئېپى يوق؛ كېلەڭسىز.
ئايۇپ ئاكىنىڭ ئوغۇللىرى پالاكەترەك يىگىتلەردىن ئىدى.