Uyghur←Chinese主要词典
پاكىستان قارارى
دۇنيا تارىخى
巴基斯坦决议
bā jī sī tǎn jué yì
ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتتتىپاقىنىڭ مۇستەقىل مۇسۇلمان دۆلىتى يەنى پاكىستان (مەنىسى پاكىز دۆلەت) قۇرۇش توغرىسىدىكى تۇنجى قارارى. 1940-يىلى 3-ئايدا لاھۇر يىغىنىدا ماقۇللانغاچقا<لاھۇر قارارى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇسۇلمانلاركۆپ ساننى ئىگىلىگەن رايون، مەسىلەن: ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالى ۋە شەرقىدىكى رايونلاردا بىرلىشىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش كېرەك؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى تەركىپ تاپقان ھەرقايسى ئورۇنلار ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشى ۋە مۇستەقىل ئۆزىگەئۆزى خوجا بولۇشى كېرەك دەپ تەلەپ قىلىنغان. گەرچە <پاكىستان> دېگەن سۆزنى ئوتتۇرغا قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستان گېزىتلىرى دائىم بۇ قارارنى< ھىندىستان قارارى> دەپ ئاتىغان. كېيىن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ داھىيسى بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستان قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي نىشانى قىلغان.