Chinese→Uyghur主要词典
派斯
دۇنيا تارىخى
پائېز
(1790 - 1873) ۋېنسۇئېلا مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى، زۇڭتۇڭ (1183 - 1835، 1839 - 1843). 1810 - 1819- يىللىرى يايلاقتىكى چارۋىچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوراللىق كۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغان. 1821 - 1823- يىللىرى كارابوبو ئۇرۇشى بىلەن كابېللو پورتى ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن. كېيىن بۈيۈك كولۇمنىيىدىن ئايرىلىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1831 - يىلى ۋېنسۇئېلانىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان. لىبېرالىزملىق دىنىي ئېتىقاد ۋە مەمۇرىي ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرغان. مەملىكەت ئىچىدىكى بارلىق ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇپ، ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقنى يۈرگۈزگەن. 1848 - 1849- يىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1861 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ھوقۇقنى قايتا ئىگىلىگەن. 1863 - يىلى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبور بولغان، ئامېرىكىدا ئۆلگەن.