Chinese→Uyghur主要词典
派罗
دۇنيا تارىخى
پەيرو
(1867 - 1928) ئارگېنتىنا يازغۇچىسى. 1896- يىلى سوتسىيالىزم تەتقىقات مەركىزىنىڭ سېكرىتارى بولغان. ئارگېنتىنانىڭ ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتىگە كۈچ چىقارغان. <مىللەتلەر گېزىتى" نىڭ مۇھەررىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياۋروپادا تۇرۇشلۇق مۇخبىر بولغان 1908- يىلى بارسېلونادا ژۇرنال نەشر قىلىپ، ئارگېنتىنا ئەدەبىياتىنى تاراقاتقان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: >لائۇچانىڭ تويى<، >پاگوچىكو<، >خوئەن مولېرانىڭ نەۋرىسىنىڭ كەچۈرمىشى< قاتارلىق ھېكايىلىرى، >تراگېدىيە<، >خارەبە ئۈستىدە< قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى ۋە >ساختىپەز ئىنكالىقلار<، >كاپىتان ۋېركارا< قاتارلىق تارىخىي ھېكايىلىرى بار.