Uyghur←Chinese主要词典
پاگان
دۇنيا تارىخى
蒲甘
pú gān
بىرمىنىڭ قەدىمكى پايتەختى. بىرمىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىرراۋاددىي دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى مىڭجيەننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. مىلادى 849-يىلدا بىنا قىلىنىپ، Ⅺ ئەسىردەقەدىمكى بىرمىنىڭ تۇنجى بىرلىككە كەلگەن فېئوداللىق سۇلالىسى پاگان سۇلالىسىنىڭ پايتەختى ۋە بىرمىنىڭ بۇددا دىنى مەركىزىگە ئايلانغان. ھەرقايسى پادىشاھلار بۇددا دىنى قۇرۇلۇشلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بارغان. ئەڭ ئەۋجىگە چىققان چاغدا ياسالغان بۇددا مۇنارى 1300 دىن ئاشقان. بۇ شەھەر مىليون مۇنارلىق شەھەر دەپ ئاتالغان، شۇڭا ئۇنىڭ <مۇنار شەھىرى> دېگەن نامى بار. بىرما ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 1973-يىلدىكى تەكشۈرىشىگە قارىغاندا، يەنىلا 2217 مۇنار بار ئىكەن. مۇنارلارنىڭ شەكلى خىلمۇخىل، كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك، قۇرۇلۇش سەنئىتى ئۈستۈن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە رۇيشى ئوردىسىنىڭ مۇنارى ۋە ئانەندا مۇنارى ئەڭ داڭلىق. ئايلانمىسى 25 كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرە ئىچىدىكى خارابىلەرنىڭ تولىسىدا نۇرغۇنلىغان قەدىمكى مەدەنىي يادىكارلىقلار ساقلانغان. بۇددا مۇنارلىرىنىڭ تولىسى 1975-يىلدىكى يەر تەۋرەشنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
ئۇنىۋېرسال
异教徒
yì jiāo túDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
帕甘
pà gānDتارىخ
蒲甘
pú gā