Chinese→Uyghur主要词典
帕杜斯河
دۇنيا تارىخى
پادۇس دەرياسى
قەدىمكى ئىتالىيىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا. يەنى ھازىرقى پو دەرياسى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ دەريانىڭ نامى قەدىمكى كېلت (گاللىيە) تىلىدىكى <پاد> دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، <دەريا قىرغىقىدا ئۆسكەن قارىغاي> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. قەدىمكى زاماندىكى يازغۇچىلار دائىم بۇ دەريانى ئېردانۇ دەرياسى دەپ ئاتىغان. ئۇ ئالىپ تېغىنىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ۋېسۇلا تېغى، يەنى ۋىسو تېغىنىنىڭ شەرقىي ئېتىكىدىن باشلىنىپ شەرققە ئېقىپ ئۆزى ھاسىل قىلغان پو دەرياسى تۈزلەڭلىكى ئارقىلىق كۆپلىگەن تارماق ئېقىنلارغا بۆلۈنۈپ، ئادرىياتىك دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. پو دەرياسى تۈزلەڭلىكىنى رىملىقلار تاغ ئىچىدىكى گاللىيە ياكى تاغنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيە دەپ ئاتايدۇ؛ ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىسى ئاساسەن كېلتلار (گاللىيىلىكلەر) بولۇپ، مەدەنىيىتى بىرقەدەر ئارقىدا قالغان. پو دەرياسى تۈزلەڭلىكى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ؛ دەريانىڭ جەنۇبىنى رىملىقلار ئىچكى پادۇس گاللىيە، دەريانىڭ شىمالىنى تاشقى پادۇس گاللىيە دەپ ئاتايدۇ. رىم ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جەريانىدا، داۋاملىق مۇنبەت پو دەرياسى تۈزلەڭلىكىگە قاراپ كېڭەيگەن. مىلادىدىن 225 - 222 يىل ئىلگىرى (مىلادىدىن 223 يىل ئىلگىرى فلامىنىي كونسۇل بولغان)، رىم ئاخىرقى ھېسابتا پۈتۈن پادۇس دەرياسى ۋادىسىنى قوشۇۋالغان؛ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱئەسىردە بۇجايدا گاللىيە مەمۇرىي ئۆلكىسى تەسىس قىلىنغان.