Uyghur←Chinese主要词典
پادىشاھقا خىزمەت قىلىش ھەرىكىتى
领域: دۇنيا تارىخى勤王运动
qín wáng yùn dòng
1885 - 1896-يىللاردا ۋيتنامدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار رەھبەرلىك قىلغان فرانسىيىگە قارشى قوراللىق كۈرەش. <ئۇقۇمۇشلۇق مۆتىۋەرلەر ھەرىكىتى>دەپمۇ ئاتالغان. <ئۇقۇمۇشلۇق مۆتىۋەرلەر>نىڭ تولىسى پېنسىيىگە چىققان ئەمەلدارلار ياكى يېزىلاردىكى خەتمە كەردىلەردىن ئىبارەت بولغان. 1885-يىلى 7-ئايدا، خان جەمەتى زۇڭشىشۇشۇنخۇادىكى فرانسيىگە قارشى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن پادىشاھ شيەنيىدى(رۇۋەن فۇمىڭ) بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇقۇمۇشلۇق مۆتىۋەرلەرگە پادىشاھقا خىزمەت قىلىش يارلىقىنى چىقىرىپ، ئۇلارنى ئەسكەر تارتىپ چىقىپ پادىشاھقاخىزمەت قىلىشقا چاقىرغان. ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمىدىكى ئۇمۇشلۇق مۆتىۋەرلەر <پادىشاھقا سادىق بولۇپ ۋەتەننى سۆيۈش> بايرىقى ئاستىدا، <پادىشاھقا خىزمەت قىلىش قوشۇنى>نى ئۇيۇشتۇرۇپ، فرانسىيەگە قارشى قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆلىمى بىرقەدەر زور بولغانلىرى: 1885-1886-يىللاردىكى فەن تىڭفېڭ رەھبەرلىك قىلغان شياڭشى قوزغىلىڭى، 1885-1889-يىللاردىكى رۇۋەن شەنشۇنىڭ شىنئەندى ئورمانلىقىدىكى قوزغىلىڭى؛ 1886-1887-يىللاردىكى فەنپېڭ، دىڭ گوڭجۇاڭ، خې ۋېنماۋلارنىڭ چىڭخۇاباتىنلاردىكى قوزغىلىڭى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. فرانسيە مۇستەملىكىچىلىرى بۇ ھەرىكەتكە قارىتا باستۇرۇش بىلەن پارچىلاش بىرلەشتۈرۈلگەن سىياسەتنى قوللانغان. 1888-يىلى پادىشاھ شيەن يىدى ئەسىرگە ئېلىنىپ، زۇڭشىشۇ جۇڭگوغا قېچىپ بېرىپ ئۆلگەن، جايلاردىكى قوزغىلاڭلار ئارقائارقىدىن مەغلۇپ بولغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە فەن تىڭفېڭ رەھبەرلىك قىلغان شياڭشى قوزغىلىڭى 1896-يىلغىچە داۋاملاشقان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。