Uyghur←Chinese主要词典
پادىشاھلىق ئادەم
دۇنيا تارىخى
御家人
yù jiā rén
(1)ياپونىيەنىڭ كاماكۇرا دەۋرىدىكى سەركەردە بىلەن خوجايىنلىق بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتە بولغان سامۇرايلار. يەنى مىناموتوسېنانىڭ شۇگنات قۇرۇشىغا قاتناشقان سامۇرايلار بولۇپ، باشقا سامۇرايلاردىن پەرقلىنىدۇ. ئۇلار مۇھاپىزەتچى،يەر بېشىلىققا تەيىنلىنەتتى، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مەجبۇرىيىتى بولۇپ، ئۇرۇش ۋاقتىدائارمىيىدە ئەسكەر بولاتتى، ئادەتتىكى چاغلاردا سياگۇن تۇرۇشلۇق جاينى قوغدايتتى، بۇنداق سامۇرايلار شوگناتتىكى ھەربىي تەشكىلاتنىڭ ئاساسى ئىدى. مۇروماچى دەۋرىگە بارغاندا، خوجايىنلىق بېقىندىلىق مۇناسىۋەت ئىسمى بار جىسمى يوق بولۇپ، ئائىلە تەبىقىسىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. يېغىلىق دەۋرىدە سياگۇنغا قاراشلىق چاپارمەنلەرنى كۆرسىتىدىغان بولدى. (2)ياپونىيىنىڭ دوگاۋا دەۋرىدىكى سەردارغا بىۋاستە قاراشلىق چاپارمەنلەرنىڭ بىرقىسمى. ئۇلارنىڭ ئورنى تۇغچى سامۇرايلاردى تۆۋەن بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا260 قاپ ئاشلىق مائاش ئالاتتى، ئۇلار تۇغچى سامۇرايلار بىلەن قوشۇپ بىۋاستە قارايدىغان سامۇرايلاردەپ ئاتىلاتتى. دوگاۋانىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن كېيىن، پادىشاھلىق ئادەملىرىنىڭ ئىچىدىكى نامراتلار باي كىشىلەرنىڭ بالىلىرىنى بېقىۋالىدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن سامۇراي تەركىبىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.