Chinese→Uyghur主要词典
帕登诺珀和国
دۇنيا تارىخى
پارتېنوپا جۇمھۇرىيىتى
ⅧⅩئەسىرنىڭ ئاخىرى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدا نېئاپولنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت. 1799-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىككى سىلىتسيە پادىشاھلىقىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، بوربون خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن بۇ جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇپ، ئۇنى نېئاپولنىڭ قەدىمكى نامى بىلەن پارتېنوپا دەپ ئاتىغان. 1-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، بەزى ئىلغار ئىسلاھاتلار يولغا قويۇلغان. 4-ئاينىڭ 25-كۈنى فېئوداللىق ھوقۇقلارنى بىكار قىلىش توغرىسىدا قانۇن پەرمان ماقۇللانغان. لېكىن دېھقانلارنىڭ يەرگە بولغان تەلىپى قاندۇرۇلمىغاچقا، جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسى ئاجىزلاشقان، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ زوراۋانلىقىمۇ خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. 5-ئايدافرانسىيە ئارمىيىسى ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا مەغلۇپ بولۇپ، نېئاپولدا تۇرۇشلۇق قوشۇننى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسى قىزىل تونلۇق ئېپىسكوپ روففو(1744-1827)نىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەكسىيەتچىل ئارمىيە ئەنگىلىيە فلوتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا نېئاپولنى ئىشغال قىلغان. بوربون خاندانلقى تىرىلگەن. جۇمھۇرىيەتچىلەر قانلىق قىرغىنچىلىققائۇچرىغان.