Chinese→Uyghur主要词典
欧洲自由贸易联盟
پۇل - مۇئامىلە
ōu zhōu zì yóu mào yì lián méng
ياۋروپا ئەركىن سودا ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
ياۋروپا ئەركىن سودا ئىتتىپاقى
يەنى كىچىك ئەركىن سودا رايونى ياكى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى دەپ ئاتىلىدۇ. ياۋروپادىكى بەزى كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي بىرلەشمە تەشكىلاتى. 1958 - يىلى ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئاۋسترىيە، دانىيە، نورۋېگىيە، پورتۇگالىيە، شۋېتسارىيە، شۋېتسىيە بىلەن بىرلىشىپ، 1960 - يىلى 1 - ئايدا ستوكھولمدا <ياۋروپا ئەركىن سودا ئىتتىپاقى قۇرۇش ئەھدىنامىسى> نى ئىمزالىغان. شۇ يىلى 5 - ئايدا شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولغاندا، ئىتتىپاق رەسمىي قۇرۇلغان. ئاساسىي مەزمونى: ئۆزئارا سانائەت بۇيۇملىرى سودا چېكىنى ۋە چېگرا بېجىنى پەيدىنپەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ باشقا دۆلەتلەرنىڭ سانائەت بۇيۇملىرىغا قارىتا تۈرلۈك چېگرا بېجى نىسبىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ئەركىن سودىنى يولغا قويماسلىق قاتارلىقلار. فىنلاندىيە بىلەن ئىسلاندىيە 1961 - يىلى 6 - ئاي ۋە 1970 - يىلى 3 - ئايدا ئەزا بولغاندىن كېيىن جەمئىي توققۇز دۆلەت بولغان. 1973 - يىلى 1 - ئايدا ئەنگلىيە بىلەن دانىيە ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىگە رەسمىي ئەزا بولۇپ ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، قالغان يەتتە دۆلەتمۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ، غەربىي ياۋروپادىكى 16 دۆلەتتە ئەركىن سودا رايونى تەشكىللەپ، ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى بىلەن ياۋروپا ئەركىن سودا ئىتتىپاقىنىڭ قارشىلىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئاياغلاشتۇرغان، لېكىن يەتتە دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يەنىلا ياۋروپا ئەركىن سودا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ساقلاپ قېلىنغان. ئاساسلىق ئورگانلىرى مۇدىرىيەت، كاتىبات باشقارمىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. باش ئورگىنى جەنۋەدە تەسىس قىلىنغان.