Chinese→Uyghur主要词典
欧洲共同体
قانۇن
ōu zhōu gòng tóng tǐ
ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى
دۇنيا تارىخى
ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى
ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى، ياۋروپا كۆمۈر - پولات تىجارەت بىرلەشمىسى، ياۋروپا ئېلېكترونىكا - ئېنېرگىيە تىجارەت بىرلەشمىسىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. فرانسىيە، فېدېراتىپ گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليۇكسىمبۇرگتىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت يۇقىرىدىكى ئۈچ تەشكىلاتنىڭ مۇدىرىيەت ئورگىنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 1965 - يىلى 4 - ئايدا <بريۇسسېل شەرتنامىسى> ئىمزالىغان، لېكىن فرانسىيىنىڭ باشقا بەش دۆلەت بىلەن ئورتاق يېزا ئىگىلىك سىياسىتى مەسىلىسىدە پىكىر ئىختىلاپى بولغاچقا، 1967 - يىلى 7 - ئايغا كەلگەندىلا بىر تۇتاش ئورگان ئىشقا ئاشۇرۇلغان. ئۈچ تەشكىلاتنىڭ ئورتاق ئورگانلىرى مىنستىرلار مۇدىرىيىتى، ياۋروپا كومىتېتى، ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا سوت مەھكىمىسىدىن ئىبارەت. 1973 - يىلى ئەنگلىيە، ئىرلاندىيە، دانىيە رەسمىي ئەزا بولغان، 1981 - يىلى گرېتسىيمۇ ئەزا بولغان. ئەزا دۆلەتلەر ئالتىدىن ئونغا كۆپەيگەن. 1986 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيىمۇ ئەزا بولۇپ كىرگەن.