Chinese→Uyghur主要词典
欧根
دۇنيا تارىخى
ئېۋگېن
(1663 - 1736) ئاۋسترىيە مارشالى. ياش ۋاقتىدا فرانسىيە ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن، 1683 - يىلى ئاۋسترىيە ئارمىيىسگە كىرىپ، تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ۋېنانى مۇھاسىرىدىن قۇتقۇزغان. 1689 - يىلى ئىتالىيىدە تۇرۇشلۇق ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولۇپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. 1697 - يىلى ۋېنگرىيىدە تۇرۇشلۇق ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالىي باش قوماندانى بولغان، شۇ يىلى 9 - ئايدا تۈركىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغاچقا، گېنېراللىسسنمۇسلىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1703 - يىلى ئوردا ھەربىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. ئىسپانىيە پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسىيە ئارمىيىسى ۋە فرانسىيە - باۋارىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان ھەمدە فرانسىيە ئارمىيىسىنى ئىتالىيىدىن قوغلاپ چىقارغان. لېكىن 1712 - يىلى فرانسىيە مارشالى ۋېللار تەرىپىدىن مەغلۇپ بوغلان ھەمدە 1714 - يىلى 3 - ئايدا فرانسىيە بىلەن <راشتات سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. 1716 - 1718 - يىللىرى ئاۋسترىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىنى قوزغاپ، تۈركىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بېلگرادنى ئىشغال قىلغان ھەمدە تۈركىيەنى سۈلھ تۈزۈشكە مەجبورلاپ، تۈركىيەنىڭ ئاۋسترىيىگە، ۋېنگرىيىگە بولغان تەھدىتىنى تۈگەتكەن. يوسىف Ⅰ ۋە چارلېس Ⅳ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىدە، دىۋان مەھكىمىسىنىڭ ۋەزىرى بولۇپ، دۆلەت سىياسىتىنى تۈزۈشكە زور تەسىر كۆرسەتكەن، <تاجىسىز پادىشاھ> دېگەن نامىمۇ بار.