Uyghur←Chinese主要词典
نىزامى
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
尼札米
ní zhá mǐ
تارىخ
尼扎米
ní zhā mǐ
دۇنيا تارىخى
尼扎米
ní zhā mǐ
(1141 - 1202 ياكى 1209) پارس شائىرى، گنج (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەزەربەيجاننىڭ كىروۋ ئاباد شەھىرى) دە تۇغۇلغان، پۈتۈن ئۆمرىنى يۇرتىدا ئۆتكۈزگەن. پارس ۋە ئەرەب تىللىرىنى پىششىق ئۆگەنگەن؛ پەلسەپە، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا ۋە تىبابەتچىلىكتىن مەلۇماتىلىق بولۇپ، كەڭ بىلىمگە ئىگە بولغان، ۋەكىللىك ئەسىرى - <خەمىسە> پارس تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، جەمئىي 120 مىڭ مىسرا، ئۇ <سىرلىق خەزىنە>، <خىسراۋ - شېرىن>، <لەيلى - مەجنۇن>، <يەتتە گۈزەل> ۋە <ئىسكەندەرنىڭ خانىكىسى> دېگەن بەش پارچە ئېپىك داستاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلاردا ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئېسىل خىسلىتى مەدھىيىلىنىپ، فېئوداللىق تۈزۈم ۋە دىننىڭ خەلققە سالغان زۇلمى ئەيىبلەنگەن. پەلسەپە جەھەتتە ماتېرىيالىزملىق خاھىشتا بولۇپ، دۇنيا توپا، سۇ، ئوت ۋە ھاۋادىن ئىبارەت تۆت ئاناسىردىن تەركىب تاپقان دەپ قارىغان، ئەقىل ھەقىقەتنى بىلەلەيدۇ، لېكىن خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس، دېگەننى تەكىتلىگەن.