Uyghur←Chinese主要词典
نىئا ئۆڭكۈرى
دۇنيا تارىخى
尼阿洞穴
ní ā dòng xué
مالايشيادىكى ئۆڭكۈرلەر خاابىسى. مالايشيا ساراۋاك ئوبلاستىنىڭ شىمالىدا، جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىزى ياقىسىدىن 15 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ھاكلىق تۆپىلىكتە بىر چوڭ ئۆڭكۈر ۋە بىر مۇنچە كىچىك ئۆڭكۈر بولۇپ، چوڭ ئۆڭكۈر نىئا ئۆڭكۈرى دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ، كىچىك دۆڭنىڭ ئۈچ تەرىپىدە ئالتە ئېغىز بولۇپ، بۇلار بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان. ئاساسلىق ئېغىزى غەربكە قاراپ تۇرىدۇ. كەڭلىكى 250 مېتىر، ئېگىزلىكى 60 مېتىر كېلىدىغان چوڭ زال بار. ئۇنىڭدىن كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن مېتال قورال دەۋرىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان مەدەنىيەت قاتلىمى تېپىلغان. ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىن ياپىلاق تاش قوراللار قېزىۋېلىنغان، بۇلار كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرىگە ئائىت نەرسىلەردىن سوقۇپ ياسىغان تاش قوراللار ۋە ئوبدان ساقلانغان، پۇت - قولى پۈكلىنىپ دەپنە قىلىنغان ئادەم ئۇستىخىنى بار. يېڭى تاش قورال دەۋرى ئالدىنقى ۋە كېيىنكى مەزگىل دەپ ئىكىگە بۆلۈنىدۇ، كېيىنكى مەزگىلىگە ئائىت نەرسىلەردىن تۆت چاسا قالقان، تاش پالتا ھەم بۇلار بىلەن بىللە ساپال ئەسۋابلار بار. تۇرار جاي خارابىلىرى قەبرىلەردىن پۇت - قولى پۈكلەپ دەپنە قىلىنغان، دۈم ياتقۇزۇپ دەپنە قىلىغان، كۇپ شەكىللىك تاۋۇتقا سېلىنغان، ئىككىنچى قېتىم دەپنە قىلىغان قەبرە تېپىلغان. ساپال ئەسۋابلارنىڭ سىداملىرى، گۈل ئويۇلغان ۋە يىپسىمان گۈل چېكىلگەنلىرى ھەمدە ئارىلاپ نەقىش ئويۇلغانلىرى بولۇپ، بەكمۇ ئۆزگىرىشچان، نىئادىكى باشقا ئۆڭكۈرلەردىن يەنە تام رەسىملىرى ۋە كېمە شكەىللىك تاۋۇتلار تېپىلغان.