Uyghur主要词典
نىخاۋاند جېڭى
دۇنيا تارىخى
مىلادى 642-يىلى ئەرەبلەر بىلەن ساسانىيلار سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ نىخاۋاند (ھازىرقى ئىراننىڭ ھەمەدان دېگەن شەھىرىنىڭ جەنۇبى) دا بولغان جېڭى. مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا، ئەرەبلەر ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 637-يىلى ساسانىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى كېتىسفون ئىشغال قىلىنىپ، پادىشاھ يەزدېگېرد Ⅲ شەرققە قېچىپ كەتكەن. نېخاۋانددا ئەرەبلەرنىڭ تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى 150 مىڭ كىشىلىك قوشۇن دېيىلگەن ساسانىيلار سۇلالىسىنىڭ قوشۇنىنى يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، پۈتكۈل ئىران زېمىنىنى ئىگىلىگەن. 651-يىلى يەزدېگېرد Ⅲ قەتل قىلىنىپ، ساسانىيلار سۇلالىسى يوقىتىلغان.