Uyghur←Chinese主要词典
نېۋروگلىيە
بىئولوگىيە
神经胶质细胞
shénjīngjiāozhìxìbāo
<نېرۋا كاللوئىد ھۈجەيرىلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈكچىلىرى كۆپ بولغان بىر قىسىم كوللوئىد ھۈجەيرىلەر بولۇپ، مورفولوگىيىسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، يۇلتۇز شەكىللىك كوللوئىد ھۈجەيرە، كىچىك كوللوئىد ھۈجەيرىسى، ئاز ئۆسۈكچىلىك كوللوئىد ھۈجەيرىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ. بۇنداق ھۈجەيرىلەر نېرۋا سىستېمىسىدىكى خاس ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ، لېكىن قوزغىلىشنى يەتكۈزۈش (توشۇش ياكى ئۇزىتىش) ئىقتىدارى بولمىغانلىقتىن پەقەت تىرەكلىك قوغداش، ئوزۇقلۇق بولۇش ۋە نېرۋا توقۇلمىلىرىنى ياماش (ئەسلىگە كەلتۈرۈش) رولىغىلا ئىگە. نېرۋا تالالىرىنىڭ تاشقى قەۋىتىنى ئوراپ نېرۋا پەردىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۈزۈلگەن پۇت - قۇللارنى قايتا كۆچۈرۈپ ئۇلىغاندا نېرۋا پەردىسى نېرۋا تالالىرىنىڭ قايتا تۆرىلىشىگە يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ.