Uyghur←Chinese主要词典
نېۋكومب
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
纽科姆
niǔ kē mǔ
دۇنيا تارىخى
纽科姆
niǔ kē mǔ
(1835 - 1909) ئامېرىكىلىق ئاستوونوم. كانادادىكى يېڭى سىكوتىيىدە تۇغۇلغان. 1853-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 1858-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1861 - 1897-يىللىرى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ھەربىي ئىنستىتۇتىدا ماتېماتىكا دەرسى ئۆتكەن ھەمدە 1877 - 1879-يىللىرى دېڭىز قاتناش يىللىق مەجمۇئەسىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولغان. 1894-يىلى دېڭىز قاتناش يىللىق مەجمۇئەسى تەھرىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. دېڭىز ئارمىيىسى رەسەتخانىسىدا ئۇزۇن ۋاقىتقىچە نېپتون بىلەن ئۇراننى كۆزەتكەن. ئۇ مېركۇرىينىڭ قۇياشقا يېقىن نۇقتىسىدىكى ھەرىكەتنى، ۋېنېرانىڭ قۇياش گەردىشىنى بويلاپ ئۆتۈشىنى كۆزىتىپ، قۇياشنىڭ پاراللاكسى ۋە ئاي شارىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت سۈرئىتىنىڭ ئارتىپ بېرىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۆلچەرلەپ، چوڭقۇر تتقىق قىلغان. ئەسەرلىرىدىن <ئاسمان جىسىملىرى>، <بىر ئاسترونومىيە خادىمىنىڭ ئەسلىمىسى> قاتارلىقلار بار.