Uyghur主要词典
نۇتۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىل تاۋۇشى ياكى تىل تاۋۇشلىرىدىن ئىبارەت مەنە بېرىدىغان تىل بىرلىكى.
«كەلىمە»، «كالام»، «سۇخەن» ئىستېمالدىن قالغان، پەقەت سۆز بىرىكمىلىرىدىلا كېلىدۇ: كەلىمە تەيبە، كالامۇللا، سۇخەنچىلىك قىلماق ...
«سۆز»، «نۇتۇق» لارنىڭ مەنىسى كېڭەيگەن، دوكلات، مەرۇزە م
ئەقىلنىڭ كۆركى تىلدۇر، يىلنىڭ كۆركى سۆز. سۆزدىن سۆز چىقىدۇ، شوردىن تۇز. ھەر ئىلىمدىن ئاڭلىساڭ بىر سۆز، ئۆگەن ئۇنى كېچە - كۈندۈز. باش شۇجى جياڭ زېمىننىڭ لۇشۈننى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىنى ئۆگەندۇق. گەپ گەپنىڭ تېگىنى ئاچىدۇ. گەپ يۈزدە ياخشى، ئۇسسۇل تۈزدە. پاراڭ بار يەردە ساراڭ بار، ساراڭ بار يەردە پاراڭ. لەېزى چىرايلىقنىڭ ئۆزى چىرايلىق. «يەنئەن ئەدەبىيات - سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق» نى ئۆگەندۇق. كىمدە بىھۇدە سۆز بولسا بىيار، ئۇ نۇتۇق مەجلىسىدە بولار خار. ئاساسىي لۇغەت فوندى؛ لۇغەت تەركىبى؛ لۇغەت مەنىسى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىسى. ئىنگلىز تىلىدا RNU لېكسىكىسىنىڭ 832 خىل مەنىسى بار ئىكەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىكىرنى سۆز بىلەن ئىپادىلەش سەنئىتى، قابىلىيىتى.
ئويلىنىپ ئېيتىلغان سۆز قۇرۇق نۇتۇقتىن ئەلا. مۇئەللىم لېكسىيە سۆزلىدى، مەسىلە ئېنىق بولدى. خاتىپ خۇتبە ئوقۇيدۇ، نېمە ئوقۇغىنىنى بىلمەيدۇ.
پسىخولوگىيە
كىشلەرنىڭ تىل ئارقىلىق ئۆزئارا ئالاقىلىشىش ( سۆزلىشىش ) جەريانىدىن ئىبارەت.
نۇتۇق بىلەن تىل كۆپ ھاللاردا بىر مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ، لېكىن بۇ ئىككى ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى بىر - بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. گەرچە نۇتۇق بىلەن بىر - بىرىگە چىڭ باغلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىر نەرسە ئەمەس. ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز نۇتىقى بار.
تىل بولسا، ئىجتىمائىي ھادىسە، تىل ئايرىم كىشىدىن مۇستەقىل ھالدا مەۋجۇتدۇر. تىلنىڭ ئىجادچىسى شۇ تىلنى قوللىنىدىغان خەلق. بىر تىلنىڭ ئىگىسى بولغان خەلق ئۇ تىلنى ئىشلەتمىسە، ئۇ تىل « ئۆلۈك تىل » بولۇپ قالىدۇ. گىرىك، لاتىن تىللىرىغا ئوخشاش.
نۇتۇقنىڭ ئاساسىي فۇنكىسىيىسى كىشلەرنىڭ ئۆز ئارا ئالاقە قىلىش ۋاستىسى بولۇشىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، نۇتۇق پىكىرلىرىمىزنى ئىپادىلەش ۋاستىسى ھەمدە پىكىر قىلىش قورالى ۋە شەكلى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. بىز ئۆز پىكىرلىرىمىزنى نۇتۇق ۋاستىسى بىلەن يەنى سۆھبەت، مۇنازىرە ۋە خەت ئارقىلىق بايان قىلىش بىلەن ئىپادىلىگىنىمىزدە، پىكىرلىرىمىز مۇكەممەلرەك يېشىلىپ، ئېنىقراق ۋە روشەنرەك بولىدۇ.
نۇتۇقتا بىزنىڭ پىكىرلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە تۇيغۇ - ھېسلىرىمىزمۇ ئىپادىلىنىدۇ. نۇتۇق بىزنىڭ ھېسياتلىرىمىز سۆز ياردىمى بىلەن قىلىنغان تەسۋىرلەردە، ئاھاڭدا، قاپىيىدە، خىتاپ ۋە سوئاللاردا، سۆزلىشىش ۋاقتىدىكى تىنىش بولۇپمۇ ئىنتوناتسىيىلەردە ئىپادىلىنىدۇ. مەسلەن، بىز بىرەر كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاتىغىنىمىزدا، شۇ كىشىگە بولغان ھەر خىل ھېسلىرىمىزنى ۋە مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئىپادىلىشىمىز مۇمكىن: ئۆزىمىزدىكى مېھىرنى، غەزەپنى، قورقۇشنى، مۇھەببەتنى، ھۈرمەتنى، نەپرەتنى، مەڭسىتمەسلىكنى ۋە شۇنىڭدەكلەرنى ئاتايتەن ياكى ئىختىيارسىز ھالدا نامايەن قىلىشىمىز مۇمكىن. سۆزلىشىشۋاتقان ۋاقتىمىزدا بىز سۆھبەتدىشىمىزنىڭ نۇتىقىدىكى مەزمۇننىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ نۇتىقىدىكى ئاھاڭىنى ھەم سېزىۋالىمىز. سۆزلەۋاتقان كىشىنىڭ نۇتىقىدىكى ئىنتوناتسىيىلەردە ئۇنىڭ گەپ تېمىسى بولغان نەرسىگە مۇناسىۋىتى، شۇ نۇتۇق كىمگە قارىتىپ ئېيتىلىۋاتقان بولسا، شۇ كىشىگە بولغان مۇناسىۋىتى ئەكس ئېتىدۇ.
تۈرلۈك ھېسياتلار بىزنىڭ ئاغزاكى نۇتقىمىز بىلەن بىرلىكتە، ئادەتتە يۈز ھەرىكەتلىرىمىزدە ۋە ئىما - ئىشارەتلىرىمىزدە ئېنىق نامايان بولىدۇ.
نۇتۇقتا بىزنىڭ ئىرادىمىز: مۇددىئا - مەقسىتىمىز، ئىستىكىمىز، نىيىتىمىز، قارارىمىز ھەم شۇنىڭدەك ئىرادە جەريانلىرىنىڭ ئايرىم سۈپەتلىرى - قەتئىيەت ۋە قەتئىيەتسىزلىك، دادىللىق، كىشىنىڭ ئۆزىنى تۇتۇشىنى بىلىشى، كىشىدىكى قۇنت ( تىرىشچانلىقى ) ۋە باشقىلار ھەم ئىپادىلىنىدۇ.
نۇتۇق يەنە تەسىر كۆرسىتىش قورالى بولۇپمۇ خىزمەت قىلىدۇ. تەسىر كۆرسىتىش دېگەنلىك، نۇتىقىمىزنى بىز كىمگە قارىتىلغان بولساق، شۇ كىشىدە بىز ئىزدىگەن ھېسلار، تەرەپكە بۇراش، ئۇلارنى ئىشەندۈرۈش دېمەكتۇر. مەلۇمكى، نۇتۇق ياردىمى بىلەن باشقىلاردا خوشاللىق، قورقۇش، غەزەپ، روھلىنىش ھېسلىرىنى تۇغدۇرۇش مۇمكىن. باشقىلاردا بىز ئىنتىلگەن ئىنتىلشلەرنى، ھەرىكەتلەرنى قوزغىتىشىمىز مۇمكىن.
يازغۇچى بەدىئىي ئەسەر ياراتقاندا، ئادەملەردە مۇئەييەن پىكىر، ھېس، ئىنتىلىش تۇغدۇرۇشنى، تۇرمۇشقا مۇئەييەن قاراش ھاسىل قىلىشنى نەزەردە تۇتىدۇ.
ئوقۇتقۇچى ۋە تەربىيىچى سۆز ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش يولى بىلەن ئوقۇغۇچىلاردا مەلۇم ئىنتىزار ۋە توغرا ھەرىكەتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ. تەسىر كۆرسىتىش ۋاستىسى بولغان نۇتۇق تەلىم تەربىيىنىڭ ئاساسىي قورالى.
نۇتۇق تەپەككۇر بىلەن زىچ باغلانغان. نۇتۇق ۋە تىل ۋاستىلىرى بولمىسا، كىشلەر پىكىر قىلالمايدۇ. نۇتۇق پىكىر قىلىش قورالى. تەپەككۇر بولمىسا، نۇتۇق، تىل بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
نۇتۇق بىلەن تەپەككۇر بىر نەرسە ئەمەس : نۇتۇق بىلەن تەپەككۇرنى، پىكىر بىلەن تىلنى بىر - بىرىگە ئەينەن تەڭ دېيىش توغرا ئەمەس. نۇتۇق بىلەن تەپەككۇر بىر - بىرى بىلەن دىئالېكتىك بىرلىك ئاساسىدا باغلانغان. پاۋلوۋ تەلىماتىدا بۇ نۇقتا ياخشى ئىسپاتلانغان. ئىككىنچى سىگنال سىستېمىسى بىرىنچى سىگنال سىستېمىسى بىلەن بىر - بىرىگە ئۆز ئارا تەسىر قىلغان ھالدا نۇتۇقنىڭ ھەم تەپەككۇرنىڭ ھەم نېرىۋ - فىزىئولوگىك نېگىزى تەشكىل قىلىنىدۇ.
تاشقى نۇتۇق ئۆزىنىڭ ئىپادىلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ ئىچكى ۋە تاشقى نۇتۇققا بۆلۈنىدۇ. ئىچكى نۇتۇق ( " ئىچكى نۇتۇق" قا قارڭ )
تاشقى نۇتۇق باشقا كىشلەر بىلەن ئالاقىلاشقاندا پايدىلىنىدىغان نۇتۇقتىن ئىبارەت. بۇ بىرەر كىشىگە قارىتىلغان، بىرەر نېمىنى خەۋەر قىلىدىغان نۇتۇق بولۇپ، كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئارقىلىق ئالاقىلىشىش جەريانىدا بىر - بىرىگە پىكىرلىرىنى بىلدۈرىدۇ ۋە بىر - بىرلىرىنى چۈشىنىدۇ.
تاشقى نۇتۇقمۇ ئاغزاكى نۇتۇق ۋە يازما نۇتۇققا بۆلۈنىدۇ. ( " ئاغزاكى نۇتۇق " بىلەن"يازما نۇتۇق" قا قاراڭ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەلۇم شەيئى ياكى مەلۇم ئىلمىي مەسىلە ھەققىدە جامائەت ئالدىدا سۆزلەنگەن ئۇزۇن سۆز، ۋەز؛ لېكسىيە.
ناتىقنىڭ نۇتقى. يازما نۇتۇق. ئاغزاكى نۇتۇق.
سۆزلىشىش جەريانىدىكى تىل.
نۇتۇق مەدەنىيىتى.