Uyghur主要词典
نۇر
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يورۇقلۇق.
كۈن نۇرى، ئاي نۇرى. * چىرايىدىن نۇر چاقناپ تۇرماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بالىلار مۇز ئۈستىدە مەخسۇس قامچا بىلەن ئۇرۇپ پىرقىرىتىپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇق.
نۇر ئوينىماق.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نۇر، يورۇقلۇق:
خۇداۋەن نۇرۇ خۇداۋەند نار،
خۇداۋەند مۇرۇ خۇداۋەند مار.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نۇر، يورۇقلۇق، ياغدۇ، پارلاق، يالىتىراق، روشەن. نۇرى بەسەر - كۆز نۇرى؛ نۇرى ئەيىن - كۆز نۇرى. نۇر ئەفشان - نۇر چاچقۇچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇ يىغىلغان چوڭقۇر يەر، بەزىسى تەبىئى بولىدۇ، بەزىسى قېزىلىدۇ.
«نۇر» موڭغۇلچە، ئىسىم بىلەن قوشۇلۇپ كېلىدۇ، ئايرىم ئېيتىلمايدۇ.
تاما - تاما كۆل بولار. چۆلدە يۈرگەن قوڭۇرغاز كۆلنىڭ قەدرىنى نە بىلەر. توخۇنى كۆلچەككە ھەيدەپتۇ، ئۆردەكنى قونداققا. سۇلاق سۈيى پاكىز بولسۇن. كۆكنۇر، ئېبنۇر، لوپنۇر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنى يورۇتۇپ، كۆرگىلى بولىدىغان قىلىدىغان نەرسە، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئېلېكتر ماگنېت دولقۇنى.
سوقۇرغا يورۇقنىڭ نېمە كېرىكى!؟ قۇياشنىڭ نۇرىنى توسقىلى بولماس. تەقدىر يامانلىقنى كۆرگەندە راۋا، ساۋاق ئال ئۇنىڭدىن تاپقىن نۇر - زىيا. قۇياش قانچە ئېگىز بولسا، شولىسى شۇنچە قىسقا بولار. نۇرنىڭ تاقىلىش سۈرئىتى سېكۇنتىغا تەخمىنەن 300 مىڭ كىلومېتىر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يورۇقلۇق مەنبەسىدىن تارالغان ۋە ئىنچىكە تالا ھالىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىنىدىغان ماددا.
قۇياش نۇرى. ئاي نۇرى. ئېلېكتر نۇرى.
يورۇقلۇق.
مەن ئاي نۇرىدا ھېلىقى ئادەمنىڭ پىكاپقا چىقىپ، قول پۇلاڭلىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
<فىز> دولقۇن ئۇزۇنلۇقى نىسبەتەن قىسقا بولغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى.
<فىز> ئېنېرگىيىسى چوڭ،تېزلىكى يۇقىرى بولغان زەررىچىلەر ئېقىمى.
ئالفا نۇرى. بېتا نۇرى. كاتود نۇرى.
<مات> تۈز سىزىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى بىر نۇقتىنىڭ تەرىپىدە ياتقان بۆلىكى.
ھەقىقەت، بەخت - سائادەت، ئەركىنلىك ۋە مەرىپەت قاتارلىقلارنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.
بىلىم نۇرى. ئۆكتەبىر نۇرى.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىر خىل بالىلار ئويۇنچۇقى. كۆپىنچە قاتتىق ياغاچ ماتېرىياللاردىن قىرغۇدا قىرىپ ياسىلىدۇ. ئۇچ تەرىپى ئۇچلۇق، شەكلى ھەرخىل بولىدۇ. ئۇچىغا شارىك ياكى بېشى يۇمىلاق مىخ ئورنىتىلىدۇ. يەر يۈزىدە پىرقىرىتىش ئارقىلىق ئوينىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. تەپكۈچ ئويۇنىنىڭ ئارقىچىلاپ پاشنا بىلەن تېپىپ ئوينايدىغان بىر تۈرى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
نۇردەك، نۇرەش، نۇراخۇن
نۇردەك گۈزەل (بۇ يەردە پەرزەنت نۇرغا ئوخشىتىلغان)