Uyghur主要词典
نۇقتا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىنىش بەلگىلىرىنىڭ بىرى. ئومۇمەن خەۋەر _ بايان جۈملىلەر، مەيلى ئاددىي جۈملە بولسۇن ياكى قوشما جۈملە بولسۇن، مەيلى شەخسلىك جۈملە ياكى شەخسسىز جۈملە بولسۇن، بىر پۈتۈن مەنىنى ئۇقتۇرسا قويۇلىدۇ. بەلگىسى « . ».
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئاسمان ياكى زېمىندىكى مەلۇم بىر ئورۇن؛ توچكا.
قەمەرنىڭ ئازابتىن چەكچەيگەن كۆزلىرى ھېلى ئۇ نۇقتىغا، ھىلى بۇ نۇقتىغا تىكىلەتتى.
<مات> ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە قېلىنلىقى بولمىغان، ئەمما پەقەت ئورنىلا بولغان گېئومېتىرىيىلىك شەكىل. ئىككى تۈز سىزىقنىڭ كېسشىش ئورنى ياكى كېسىكىڭ ئىككى ئۇچىمۇ نۇقتا بولىدۇ.
<فىز> ماددىلارنىڭ بىر خىل ھالەتتىن ئىككىنچى خىل ھالەتكە ئۆتۈشىدىكى تېمپېراتۇرا چېگرىسى.
قايناش نۇقتىسى. مۇزلاش نۇقتىسى. ئېرىش نۇقتىسى.
بىرەر ئورۇن، تەشكىلات، سىستېما ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم بىر تارمىقى، شۆبىسى ياكى پونكىتى.
ئوقۇتۇش نۇقتىلىرى.
بىرەر ئىش، ھەرىكەت، ۋەقە، ھادىسە ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات قاتارلىقلارنىڭ مۇئەييەن بىر پەيتى، ئورنى ياكى چېگرىسى.
باشلنىش نۇقتىسى. ئاخىرلىشىش نۇقتىسى.
بىرەر ئىش، خىزمەت، مەسىلە، پىكىر قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم تەركىبىي قىسمى؛ تەرەپ، جەھەت.
ئوقۇتۇشتا قىيىن نۇقتىلار بىر يەرگە يىغىلىپ قالماسلىقى لازىم.
ئەڭ مۇھىم، ئاساسلىق دەپ قارالغان ياكى بىرەر مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا سىناق، تەجرىبە ئۈچۈن ئالدىن بەلگىلەنگەن جاي، ئورۇن.
سادىق <ئالتۇنبۇلاق> يېزىسىنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ تاللاشقا رازى بولدى.
نىشان، مەقسەت.
گەرچە يىغىننىڭ ئاساسىي نۇقتىسى بۇرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كامىل ئاڭلىغانلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەكتە ئىدى.