Uyghur←Chinese主要词典
نۇكۇئالوفا
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى,ئۇنىۋېرسال
努库阿洛法
nǔ kù ā luò fǎ
دۇنيادىكى شەھەرلەر
努库阿洛法
nǔ kù ā luò fǎ
تىنچ ئوكياننىڭ جەنۇبىدىكى تونگا پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى، مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر تونگا تاپا ئارىلىنىڭ شىمالىي دېڭىز ياقىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. ئاھالىسى تەخمىنەن 20 مىڭغا يېتىدۇ (1982). دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. پورتقا 10 مىڭ توننىلىق ئوكيان پاراخوتلىرى توختىيالايدۇ. شەھەر كوچىلىرى دېڭىز قىرغىقى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە سوزۇلغان. شەھەردە پالما پىششىقلاپ ئىشلەش، مېتالچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق كىچىك تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردىن تىنچ ئوكياندىكى ھەرقايسى دۆلەت، رايونلارغا پاراخوت، ئايروپىلانلار قەرەللىك قاتناپ تۇرىدۇ.