Uyghur主要词典
نۇكلېئىن كىسلاتا
مولېكۇلا بىلىملىرى
»قوغۇن تېرىساڭ قوغۇن ئالىسەن، پۇرچاق تېرىساڭ پۇرچاق«. نېمە ئۈچۈن جانلىقلارنىڭ ئىككىنچى ئەۋلادى ھامان بىرىنچى ئەۋلادىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇيۇ، ئەمما بىرىنچى ئەۋلاد قوغۇن بىلەن پۇرچاقتا كىچىك قوغۇن بىلەن كىچىك پۇرچاقتىن ئىبارەت ئىپتىدائىي شەكلىنى تاپقىلى بولمايدۇ؟ ئىككى ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى بىردەكلىكنىڭ ساقلىنىش سەۋەبى ئىرسىي ماددا − نۇكلېئىن كىسلاتادا.
ئەڭ دەسلەپتە كىشىلەر بۇ خىل ماددىنى يىرىڭدىكى ھۈجەيرىدىن بايقىغان بولۇپ، ئۇ كىسلاتالىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلىگەچكە، ئۇنى نۇكلېئىن كىسلاتا (يادرو كىسلاتا) دەپ ئاتىغان. كېيىنچە كىشىلەر يەنە بارلىق جانلىقلار ھۈجەيرىلىرىدە نۇكلېئىن كىسلاتانىڭ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. يەنە نۇكلېئىن كىسلاتانىڭ ئىككى خىل بولىدىغانلىقىنىمۇ بايقىغان: يەنى، بىر خىلى رىبونۇكلېئىن كىسلاتا بولۇپ، قىسقارتىلىپ ANR دېيىلىدۇ؛ يەنە بىر خىلى دېئوكسىرىبونۇكلېئىن كىسلاتا بولۇپ، قىسقارتىلىپ AND دېيىلىدۇ. بۇ ئىككى خىل ماددىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكسىيىسى ئوخشاش ئەمەس. AND ئاساسلىقى ئۆزىدىن »بىر بالداق ئۈستۈنكى ئەۋلاد« قالدۇرغان ئىرسىي ئۇچۇرلارنى ئېلىپ يۈرىدۇ ۋە يەتكۈزىدۇ. ANR بولسا AND دىكى ئۇچۇرلارنى كۆچۈرۈۋالىدۇ ھەمدە شۇنىڭغا ئاساسەن يېڭى بىر ئەۋلاد ئاقسىلنىڭ سىنتېزلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بالىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئوخشىشى − ئاتا - ئانىسىدىكى ئىرسىي ئۇچۇرلارنىڭ AND ئارقىلىق بالىغا مىراس بولۇپ قالغانلىقى، شۇنداقلا ANR تەرىپىدىن »تەرجىمە« قىلىنىپ يېڭى بىر ئەۋلاد ئاقسىل سىنتېزلانغانلىقىنىڭ نەتىجسىدۇر. شۇڭلاشقا، نۇكلېئىن كىسلاتانى »ھاياتلىق ئەلچىسى« دەيمىز.
ئۇنداق بولسا نۇكلېئىن كىسلاتا ئىرسىي ئۇچۇرلارنى قانداق ئېلىپ يۈرىدۇ ھەم يېڭى بىر ئەۋلاد ئاقسىلنى سېنتىزلاشقا ئىشلىتىدۇ؟ ئالىملار نۇكلېئىن كىسلاتانىڭ نۇكلېئوتىدلارنىڭ پولىمېرلىنىشىدىن ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ھەربىر نۇكلېئوتىد فوسفات كىسلاتا، رىبوزا (بەش دانە كاربون ئاتومى بولغان بىر خىل شېكەر) ۋە ئىشقار رادىكاللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ خىللىرى كۆپ بولغاچقا، كىشىلەر ئۇلارنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئادېنىن (A)، گۇئانىن (G)، سىتۇزىن (C)، تىمىن (T)، ئۇراتسىل (U) دەپ ئاتىغان. ھەربىر نۇكلېئوتىدتا پەقەت بىرلا ئىشقار رادىكالى بولىدۇ.
يەككە - يەككە نۇكلېئوتىدلار بىر - بىرلەپ تۇتىشىپ بىر تال زەنجىر ھاسىل قىلىدۇ، ئىككى زەنجىر پاراللېل ھالەتتە قاتارلىشىدۇ، ھەربىر نۇكلېئوتىدتىكى ئىشقار رادىكاللىرى يەنە تەرتىپ بويىچە توغرىسىغا تۇتىشىپ »ئارقان شوتا« شەكىللەندۈرىدۇ - دە، تولغىشىپ »ئەشمە قۇيماق« شەكلىگە كېلىدۇ. مانا بۇ AND نىڭ قۇرۇلمىسى − داڭلىق »قوش بۇرما« لىق تۈزۈلۈشى بولۇپ، ھۈجەيرىدە ساقلىنىدۇ. چۈنكى، ھەر ئۈچ دانە ئىشقار رادىكالى بىر دانە »كود (شەرتلىك بەلگە)« نى تۈزىدىغان، بىر دانە AND دىكى ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ سانى بىرقانچە مىليونغىچە بولىدىغان بولغاچقا، AND دىكى ئۇچۇرلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئىككى زەنجىر ئوتتۇرىسىدىكى ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ توغرىسىغا تۇتىشىشىدا مۇئەييەن قانۇنىيەت بولىدۇ، يەنى A پەقەت T بىلەن، G پەقەت C بىلەن تۇتىشىدۇ. مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە بولغاندا، ئەگەر بىر زەنجىر ... TGCTA ... بولسا، يەنە بىر زەنجىر ... ACGAT ... بولىدۇ، بۇ ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ جۈپ تۈزۈش قائىدىسى دېيىلىدۇ. بۇ قانۇنىيەت ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، AND مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە ئەسلىدىكىگە ئوپمۇئوخشاش يەنە بىر AND نى نۇسخىلاپ چىقالايدۇ. ANR مۇ مۇشۇ قانۇنىيەت ئارقىلىق AND دىكى »كود« لارنى »كۆچۈرۈپ« ئالىدۇ.
ئەگەر ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ جايلىشىش تەرتىپى خاتا بولۇپ قالسا ياكى ئۇنىڭدا كەملىك ۋە ئارتۇقلۇق ھادىسىلەر كۆرۈلسە، ئىرسىيەتتىكى خاتالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ - دە، كېسەللىك، ھەتتا ئۆلۈشنى پەيدا قىلىدۇ.
خىمىيە بىلىملىرى
كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ گۈللەر، ئوت - چۆپلەر، كىشىلەر كۆڭلىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل قۇشلار، ھايۋانلار، ھاشاراتلار، بېلىقلار، خىلمۇخىل مىكرو جانلىقلار، ھەممىگە قادىر ئىنسانلار، قىسقىسى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئورتاق ھاياتلىق سىرى نۇكلېئىن كىسلاتاغا يوشۇرۇنغان، نۇكلېئىن كىسلاتا بولمىغان بولسا ھاياتلىقمۇ بولمىغان بولاتتى.
نۇكلېئىن كىسلاتا ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ بىلەنمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ.2 تىرىليون دانە تۇخۇمدىكى نۇكلېئىن كىسلاتانى قوشقاندا پەقەت بىر تۇخۇمنىڭ ئېغىرلىقىچىلىكلا كېلىدۇ. نۇكلېئىن كىسلاتا دېئوكسىرىبونۇكلېئىن كىسلاتا بىلەن رىبو نۇكلېئىن كىسلاتادىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. دىئوكسىرىبو نۇكلېئىن كىسلاتانىڭ دىئامېتىرى5 مىليوندىن1 سانتىمېتىرغا تەڭ بولۇپ،2500 دانە دىئوكسىرىبو نۇكلېئىن كىسلاتا مولېكۇلىسى بىرلەشتۈرۈلسە بىر تال چاچ توملۇقىچىلىكلا كېلىدۇ. ئۇنىڭ مولېكۇلىلىرى خۇددى ئوڭغا قاراپ ئايلىنىۋاتقان بۇرما شەكىلدىكى شوتىغا ئوخشايدۇ، شوتىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تۇتقۇچى دېئوكسىرىبوزا بىلەن فوسفات كىسلاتا ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ھىدروگېن بېغى ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرغان جۈپ - جۈپ ئىشقار رادىكاللىرى شوتىنىڭ بالداقلىرىدىن ئىبارەت. رىبونۇكلېئىن كىسلاتانىڭ »چىراي قىياپىتى« دېئوكسىرىبونۇكلېئىن كىسلاتاغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ پەقەت بىر تەرىپى بار شوتا بولۇپ، »تۇتقۇچ«ىدىكى ئىشقار رادىكاللىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن جۈپلىشىپ تۇرىدىغان يەنە بىر تەرىپى يوق.
»نېمە تېرىساڭ، شۇنى ئالىسەن« دەيدىغان تەمسىل بار، ئۇنىڭدىكى سىرمۇ نۇكلېئىن كىسلاتادا، ھاياتلىقنىڭ ئاساسى ئاقسىل، نۇكلېئىن كىسلاتا بولسا ئاشۇ ئاقسىللارنى قايتىلاپ ئىشلەيدىغان جان. قانداق نۇكلېئىن كىسلاتا بولسا شۇنداق ئاقسىلنى قايتىلاپ ئىشلەيدۇ. ئۇنداقتا ئاقسىللار زادى قانداق ئىشلىنىدۇ؟ جانلىقلار دۇنياسىدا، دېئوكسىرىبونۇكلېئىن كىسلاتا ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ ئىرسىيەت شىفىرلىرىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ماددا، ئۇ خۇددى ئۇزىتىش بەلۋېغى نەرسە - كېرەكلەرنى يەتكۈزۈپ بەرگەنگە ئوخشاش، ئۆزىدىكى ئالاھىدە ئۇچۇرلارنى رىبونۇكلېئىن كىسلاتاغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، رىبونۇكلېئىن كىسلاتالار ئۇچۇرغا ئاساسەن ھەر خىل ئامىنو كىسلاتالارنى مۇۋاپىق »ئورۇن«غا ئەۋەتىپ، تىزىپ زەنجىرگە ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن دېئوكسىرىبونۇكلېئىن كىسلاتانىڭ يۈزىدە مەلۇم تۈرنىڭ ئاساسلىق تېنىنى شەكىللەندۈرگۈچى ئاقسىل ھاسىل بولىدۇ. بوش قالغان نۇكلېئىن كىسلاتا يۈزى يېڭى ئاقسىللارنى «قۇراشتۇرۇش»قا تەييارلىنىدۇ. مانا شۇنداق قايتا - قايتا تەكرارلىنىشلار ئارقىلىق ئوپمۇئوخشاش بولغان ئاقسىللار ئۈزلۈكسىز «قۇراشتۇرۇلۇپ» چىقىدۇ، ئالدىنقى ئەۋلاد تۈرىنىڭ شەكىل ئالاھىدىلىكى ئەۋلادمۇئەۋلاد كېيىنكىلىرىگە ئۆتىدۇ.