Uyghur主要词典
نېتەي
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
نېمە قىلاي:
دىلرەبا ۋەسلىڭنى ئىزدەپ بىنەۋا بولدۇم نېتەي،
بۇ كۆڭۈل ئاخىر فىراقىڭدا گەدا بولدۇم نېتي.
موللا سالېھ.
نېتەي ئەۋۋارە بولماي بىر سېنىڭدەك غەمگۇزارىم يوق،
كۆيۈپ فۇرقەت ئوتىدا مۇبتەلائى لامەكان بولدۇم.
فىراقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
يېزت. قانداق قىلاي، نېمە چارە، نېمە ئامال.
نېچۈن جاننى قۇتقۇزاي بۇ چۆلىستان ئىچىدە، نېتەي شۇنچە ئازغاشتىم قالدى ئارمان ئىچىمدە.