Uyghur主要词典
نېسىۋە بويىچە ۋارىسلىق قىلغۇچى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ سۈننىي مەزھىپىنىڭ شەرىئەتتە قوللىنىلىدىغان سۆزى بولۇپ، مۇقىم نېسىۋىدە مىراس ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دېيىلگەن. يەنى <قۇرئان كەرىم>، ھەدىس ۋە شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە مۇقىم نېسىۋىدە مىراس ئالغۇچىنى كۆرسىتىدۇ. سۈننىي مەزھىپىنىڭ شەرىئىتىدە ئاساسلىق ۋارىس دەپ قارالغانلار بىرىنچى رەتكە تىزىلىدۇ. بۇ ئەر، خوتۇن (نىكاھ تۇغقانچىلىقى)، ئاتا، بوۋا، ئانا، موما، قىز، نەۋرە قىز، بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئاچا - سىڭىل، باشقا ئانىدىن تۇغۇلغان ئاچا - سىڭىل، باشقا ئاتىدىن بولغان ئاكا - ئۇكا، باشقا ئاتىدىن بولغان ئاچا - سىڭىل (قانداش تۇغقان) دىن ئىبارەت 12 خىل ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى سەككىز خىل ئادەم بۇرۇن ۋارىسلىق ھوقۇقى يوق ئايال تۇغقانلار، ئىككى خىلدىكى ئادەم (ئەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئەسلىي ئۈستۈنلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئاتا جەمەت ئەر تۇغقانلار، كېيىنكى تۆت خىل ئادەم شىرەم تۇغقانلار ھېسابلىنىدۇ. ۋارىسلىققا ئالدى بىلەن نېسىۋە بويىچە ۋارىسلىق قىلىدىغانلار رازى قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن ئاشقان قىسمى ئاتا جەمەت ۋارىسلار ئىچىدە تەقسىم قىلىنىدۇ. ئىچكى جەھەتتىكى ۋارىسلىق رېتى قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلغان چەتكە قېقىش پرىنسىپى بويىچە بېكىتىلىدۇ. مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش نېسىۋىسى نىكاھ تۇغقانچىلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مۇشۇ پرىنسىپ تۈپەيلىدىن ھەمىشە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بىرىنچى رەتكە تىزىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ۋارىسلىق قىلىدىغان نېسىۋە ئازراق بولىدۇ.