Uyghur←Chinese主要词典
نسېيە يغىنى
دۇنيا تارىخى
尼西亚会议
ní xī yà huì yì
رىم ئىمپېرىيىسى چېگىرىسى ئىچىدىكى خرىستىئان دىنى ئېپىسكوپلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنى. مىلادى 253-يىلى كونستانتىن Ⅰ (ئۇ چاغدا تېخى خرىستىئان مۇرىتى ئەمەس ئىدى) تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىتنىسىيىنىڭ نىسېيە دېگەن شەھىرىدە چاقىرىلغان. يىغىننىڭ مەقسىتى خرىسىتىئان دىنى مەزھەپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشنى ھەل قىلىپ، پادىشاھنىڭ چېركاۋنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. يىغىنغا قاتناشقان ئېپىسكوپ ياكى ئېپىسكوپلارنىڭ ۋەكىللىرى تەخمىنەن 200 - 300 كىشى (كۆپى ئىمپېرىيىنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە شىمالىي ئافرىقىدىن كەلگەن) بولۇپ، ئىسپانىيىنىڭ كوردوۋا رايونىنىڭ ئېپىسكوپى خوسىئۇس پادىشاھقا ياردەملىشىپ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىن مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن دىنىي ئەقىدە - <دەستۇر> نى تۈزۈپ چىقىپ، <ئەيسا قىددېس (مۇقەددەس ئوغۇل) بىلەن خۇدا (مۇقەددەس ئاتا) ئوخشاش خۇسۇسىيەتلىك (بىر گەۋدە)>، شۇڭا بارلىق چېركاۋلار ئوخشاش رىئايە قىلىشى لازىم، دېگەننى بەلگىلەپ، بۇ ئەقىدىنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقان ئارىئۇسچىلارنى <بىدئەت> دەپ جاكارلاپ، دىندىن چىقىرىۋەتكەن. يىغىن يەنە ئېپىسكوپلارنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، چېركاۋ نىزمىنى تۈزۈپ چىققان، ئەمەلىيەتتە بولسا پادىشاھنىڭ ھوقۇقى (ئېپىسكوپنى پادىشاھ بەلگىلەش ۋە قالدۇرۇش) نى كۈچەيتكەن. نىسېيە يىغىنى خرىستىئان دىنى سىياسىي ۋە ئىدىيە جەھەتتە رىم دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قورالىغا ئايلاندۇرغان.