Uyghur主要词典
نىشىدا كىتارو
دۇنيا تارىخى
(1870 - 1945) ياپونىيىلىك پەيلاسوپ. ئەدەبىيات دوكتورى. ئىشكاۋا ناھىيىسىدىن. ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە پېنى بويىچە تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسەلر كەسپىنى پۈتتۈرگەن. كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور (1914 - 1928) بولغان. <نىشىدا پەلسەپىسى> سىستېمىسىنى يارىتىپ، كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەپ، <كيوتو ئىلمىي ئېقىمى> نى شەكىللەندۈرگەن. <سۇبيېكت بىلەن ئوبيېكتنىڭ قوشۇلۇپ بىر بولۇشى> نى تەكىتلەپ، ماتېرىيالىزم بىلەن ئىدېئالىزمنىڭ سىرتىدا تۇرىدىغان پەلسەپە سىستېمىسىنى، ئەمەلىيەتتە شەرقنىڭ بۇددا دىنى ئىدىيىسىنى ئاساس، غەربنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىنى ماتېرىيال قىلىپ، كېيىنكىسىنىڭ مەنتىقىسى ئارقىلىق ئالدىنقىسىغا چاپان ياپقان بىر خىل ئىدېئالىزملىق پەلسەپە سىستېمىسىنى ياراتماقچى بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ياخشىلىق توغرىسىدا تەتقىقات>، <ئاڭلىق بىۋاسىتە كۆزىتىش ۋە خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىش>، <يوقلۇقنىڭ ئۆزلۈكىدىن چەكلىنىشى>، <پەلسەپىدىكى تۈپ مەسىلە> قاتارلىقلار بار. كېيىن 18 توملۇق <نىشىدا كىتارو ئەسەرلىرى> نەشر قىلىنغان.