Uyghur主要词典
نېپىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قېلىننىڭ تەتۈرى، تۈز نەرسىنىڭ ئۈستى بىلەن ئاستى ئارىلىقى بەك كىچىك ھالەت.
ئانىسى ناننى نېپىز ياقىدۇ، بالىسى قوشلاپ يەيدۇ. يۇقا چاپانغا ئىشەنمە، يۇقا چاپان سوغۇقتا دۈشمەن. يالاڭ كىيىم يازدا ياخشى. يېرىم باينىڭ ئۇيقۇسى يوق، كىيىمى يېلىڭنىڭ قوپقۇسى. بادام قاپاق، يۇپقا تاماق، ھالىمنى سورىساڭچۇ!
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاستىدىن ئۈستىگىچە، ئوڭدىن تەتۈرىگىچە ئارىلىق شالاڭ.
قېلىن
ئاستىدىن ئۈستىگىچە، ئوڭدىن تەتۈرىگىچە ئارىلىق زىچ.
تەلۋىنىڭ تېرىسى قېلىن. دىۋانىگە نېپىزىنى بەرسەڭ، <قېلىننى كىم ئالغان> دەر. يۇقا چاپان سوغۇقتا دۈشمەن. يالاڭ كىيىم يازدا ياخشى، قېلىن كىيىم قىشتا. يېرىم باينىڭ ئۇيقۇسى كەلمەس، كىيىمى يېلىڭنىڭ قوپقۇسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قېلىن ئەمەس، يۇپقا.
نېپىز كىتاب. نېپىز قەغەز.* ئانىسى ناننى نېپىز ياقىدۇ، بالىسى تويماي قوشلاپ يەيدۇ (ماقال).
كۆچمە. يۈزى تۆۋەن، تارتىنچاق.
ۋۇي... قالتىس نېپىز خېنىم ئىكەنغۇ بۇ! مۇنداق نېپىزلىك قىلسىلا، بۇ يەردە بىر كۈنمۇ جان باقالمايدىلا جۇمۇ!