Uyghur←Chinese主要词典
نورۋېگىيە
领域: دۇنيادىكى دۆلەتلەر欧洲
挪威
nuó wēi
شىمالغا ئۆتۈش يولى
شىمالىي ياۋروپادىكى سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي يېرىمىغا جايلاشقان دۆلەت. بۇ ئورۇن شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ تار ئۇزۇن سوزۇلغان، دېڭىز قىرغاقلىرى بەك كېسىلگەن، دېڭىز قىرغاقلىرىدا كەڭلىكى بىرنەچچە يۈز مېتىردىن بىرنەچچە يۈز كىلومېتىرغىچە، ئۇزۇنلۇقى بىرنەچچە كىلومېتىردىن بىرنەچچە يۈز كىلومېتىرغىچە سوزۇلغان قولتۇق - بوغۇز ۋە 150 مىڭدىن ئوشۇق تاقىم ئاراللار بار. بۇ ئاراللار ئىچىدىكى 300 دىن ئوشۇق ئارالدا كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان. نورۋېگىيىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغاقلىرى ناھايىتى ئەگرى - توقاي بولۇپ، دېڭىز قاتنىشىغا ئەپلىك بولغان پورتلار ناھايىتى كۆپ. نورۋېگىيە شىمالىي كەڭلىككە (شىمالىي كەڭلىك تەخمىنەن 58° بىلەن 62°30′ ئارىلىقىغا) جايلاشقان بولسىمۇ، غەرب شاماللىرى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان يىللىق ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغانلىقتىن، ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز قىرغاقلىرىدا قىش پەسلى مۇز توڭلىمايدۇ. قىشلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 1℃-2℃ ئەتراپىدا بولىدۇ. نورۋېگىيىنىڭ يەر مەيدانى 387 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 4 مىليون 120 مىڭدىن ئوشۇق (1984) بولۇپ، بۇنىڭ 98% ىنى نورۋېگىيىلىكلەر، ئۇنىڭدىن قالسا فىنلاندىيە، لاپو قاتارلىق مىللەتلەر ئىگىلەيدۇ. 94% كىشى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. دۆلەت تىلى نورۋېگىيە تىلى ھېسابلىنىدۇ. نورۋېگىيىدە 9 - ئەسىردە بىرلىككە كەلگەن پادىشاھلىق دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن، 1397 - يىلغا كەلگەندە دانىيە، شۋېتسىيە بىرلەشمىسىنىڭ دائىرىسىدە بولغان، 1814 - يىلى دائىرىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، شۋېتسىيە بىلەن بىرلىشىپ شۋېتسىيە - نورۋېگىيە بىرلەشمىسىنى قۇرغان، 1905 - يىلى بۇر بىرلەشمىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل پادىشاھلىق دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بىتەرەپلىك سىياسەت ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1954 - يىلى 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. نورۋېگىيە تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەت. ئىقتىسادتا دېڭىز قاتنىشى سانائىتى، بېلىقچىلىقى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. نورۋېگىيىنىڭ دېڭىز قاتنىشى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، ئۇ دۇنيادا باشقا دۆلەتلەرگە ماللارنى توشۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. شۇڭا ئۇ دۇنيادا دېڭىز كىراكەش دۆلىتى دەپ ئاتىلىدۇ. نورۋېگىيە دۇنيادا سانائىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەت، ئۇنىڭ سۇ ئېلېكتر ئېنېرگىيە، نېفىت ئايرىش، دېڭىز ئاستىدىن نېفىت ئېلىش، پولات - تۆمۈر، خىمىيە، كېمىسازلىق، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قەغەزچىلىك، يېمەك - ئىچمەك سانائەتلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. نورۋېگىيىنىڭ ئورمان بايلىقى ياۋروپا بويىچە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئورمان مەيدانى 6 مىليون 660 مىڭ گېكتارغا يېتىدۇ. بېلىقچىلىق نورۋېگىيىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەسى، ئۇ بېلىق تۇتۇشتا ياپونىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، جۇڭگو، ئا ق ش، پېرولاردىن قالسا 6 - ئورۇندا تۇرىدۇ. يىللىق بېلىق مەھسۇلاتى 2 مىليون 800 توننىدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ 90% ىنى ئېكسپورت قىلىدۇ.
نورۋېگىيىنىڭ تولۇق نامى <نورۋېگىيە پادىشاھلىقى> بولۇپ، شىمالىي ياۋرۇپادىكى سكاندىنوۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. <نورۋېگىيە> سۆزى تەخمىنەن توققۇزىنچى ئەسىرلەردە كۆرۈلگەن، ئۇ Norreweg تىن ئۆزگەرگەن بولۇپ، <شىمالغا ئۆتۈش يولى>، <شىمالدىكى دېڭىز يولى> دېگەن مەنىدە بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتلاردا سىكاندىنوۋىيە يېرىم ئارىلىغا بېرىپ كېلىدىغان دېڭىز يولىدىن ئاساسلىقى ئۈچى بولۇپ، شەرقىي يول بالتىق دېڭىزىدىن، غەربىي يول شىمالىي دېڭىزدىن، شىمالىي يول بولسا سكاندىنوۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىنى بويلاپ كىرىپ چىقاتتى. شۇ چاغدا، شىمالىي يول يېنىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرى دېڭىز لىنىيىسىنىڭ نامىدا<نورۋېگ ( Norreweg)رايونى> دەپ ئاتالغان. بۇ گېرمانچە Norre (شىمال) ۋە weg (يەل) دىن جۈپلەپ ياسالغان يەر نامى. ئىنگلىز تىلىدا، بۇ سۆزنىڭ كەينى يېرىمى weg ئىنگلىزچە way (يول) غا ئالماشتۇرۇلۇپ، Nor Way دەپ ئوقۇلىدۇ. لېكىن نورۋېگىيىدە كىشلەر يەنىلا قەدىمكى نامدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن norge نى رەسمىي دۆلەت نامى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. 900 - يىلى پادىشاھ خورۋاگ نورۋېگىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1379 - يىلى نورۋېگىيە، دانىيە، شۋېتسيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت دنىيە باشچىلىقىدىكى كارمېل ئىتتىپاقىنى قۇرغان. 1814 - يىلى 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئاساسىي قانۇن ماقۇللىنىپ، نورۋېگىيە ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق دۆلەت دەپ بېكىتىلىپ، شۇ كۈننى دۆلەت بايرمى قىلىپ بەلگىلىگەن. 1905 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ، نورۋېگىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغان.
نورۋېگىيىنىڭ يەر مەيدانى 386.9 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 4 مىليون 330 مىڭ، 97%ى نورۋايلار بولۇپ، ھەممىسىلا خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. گېرمان تىلى ئائىلىسىدىكى نورۋاي تلى قوللىنىلىدۇ. پايتەختى ئوسلو، پۇل بىرلىكى كرونا.
مىراسلىق ئاساىي قانۇنلۇق دۆلەت نورۋېگىيە 1397 - يىلى دانىيە، شۋېتسارىيە بىلەن كارما بىرلەشمىسى بولۇپ، دانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. دۆلەت بايرىقى دانىيىنىڭ تېگى قىزىل ئاق كرېسىتلىك بايرىقى بولغان. 1805 - يىلىدىن كېيىن نورۋېگىيە شۋېتسارىيە بىلەن بىرلىشىپ، نورۋېگىيىنىڭ ئالتۇن شىرنىڭ سۈرىتى كىرگۈزۈلگەن تېگى قىزىل ئاق كرېسىتلىك بايرىقىنى ئىشلەتكەن؛ 1821 - يىلى نورۋېگىيە سودا كېمىلىرىنىڭ بايرىقىنى تۈزگەندە،< تېگى قىزىل ئاق كېرسىتلىك بايراق> نى ئاساس قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يۇلتۇزلۇق بايرىقى بىلەن فرانسىيىنىڭ ئۈچ خىل رەڭلىك بايرىقىنىڭ نۇسخىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاق كرېسىتكە كۆك كرېسىتنى قوشۇپ، نورۋېگىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھازىرقى پەيدا قىلغان. 1905 - يىلى نورۋېگىيە مۇستەقىل بولۇپ، بۇ سودا كېمىسى بايرىقىنى دۆلەت بايرىقى قىلىشنى رەسمىي بەلگىلىگەن. قىزىل، كۆك ۋە ئاق رەڭنىڭ بىرلىشىشى تىپىك ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنىڭ بەلگىسىدۇر.
دۆلەت گېربى قالقانسىمان بولۇپ، ئاددىي ھەم ئېنىق، ئۇ دەسلەپتە 13 - ئەسىردىكى ھاكاڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئەجداتى پادىشاھ سىۋالاينىڭ بايرىقى ۋەگېربىدە پەيدا بولغان. قالقانسىمان گېربتىكى بىر قولدا تۇتۇپ تۇرغان پالتا 8 - ئەسىردىن بويانقى مۇقەددەس پادىشاھنىڭ سىمۋولىدۇر. كۈمۈش رەڭ پالتا نورۋېگىيە ئەركىنلىكىنىڭ قوغدىغۇچىسى سان ئورافنىڭ قورالىدۇر. ئالتۇن شىرنىڭ بېشىدىكى تاجنىڭ تۈزۈلۈش شەكلى ئاددىي ھەم كۆركەم بولۇپ، سكاندىناۋىيە رايونىنىڭ مۋتالچىلىق جەھەتتىكى ئالاھىدە ئۇسلۇبى نامايان قىلىنغان. قالقاننىڭ ئۈستىدىكى تاج خان جەمەتىنىڭ ئابرۇيى ۋەيۈكسەك ھوقۇقىنىڭ سىمۋولدۇر.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى,ئۇنىۋېرسال
挪威
nuó wēi
例句
مەن نورۋېگىيەگە ساياھەت قىلماقچى.
翻译: 我想去挪威旅行。
دۆلەت نامى
专业术语
领域: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلى
领域: جۇغراپىيەقىتئە، ئوكيان، دۆلەت ۋە شەھەرلەرنىڭ نامى
(1) ئوڭ قولنىڭ بىگىز ۋە ئوتتۇرا بارمىقىنى چىقىرىپ، بارماق ئۇچىنى يۇقىرىغا قارىتىدۇ، قالغان ئۈچ بارماقنى ئېگىپ بىر - بىرىگە تىرەپ، كۆكرەك ئالدىدا سولدىن ئوڭغا <N> شەكلىنى سىزىدۇ (بۇ خەلقئارالىق قول ئىشارىتى تىلى).
挪威
nuó wēi
专业术语
领域: رايون ۋە پوچتا نومۇرى挪威
nuó wēi
ياۋروپا قىتئەسى
GetWord 语料库
9挪威
挪威【地名】
nuó wēi9挪威
挪威【世界各国】
nuó wēi
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。