Chinese→Uyghur主要词典
农业部落
تارىخ
nóng yè bù luò
دېھقان قەبىلە
دۇنيا تارىخى
دېھقانچىلىق قەبىلىلىرى
يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان ئىپتىدائىي قەبىلە. بۇ ياۋايىلىق دەۋرىدىكى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېھقان - چارۋىچى قەبىلىلىرىنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشىنىڭ نەتىجىسى. ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، يېزا ئىگىلىك ۋە دېھقانچىلىق قەبىلىرىنىڭ مەيدانغا كەلگەن ماكانى ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ رايوننى مەركەز قىلغان: شەرقىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا (تەخمىنەن مىلادىدىن 7000 - 4300 يىل ئىلگىرى) ھەمدە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مېكسىكا ۋە پېرۇ (تەخمىنەن مىلادىدىن 5000 - 3000 يىل ئىلگىرى). ئوتتۇرا تاش قورال ۋە يېڭى تاش قورال دەۋرىدىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە دېھقانچىلىق مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، دەسلەپ باغۋەنچىلىك ئېكىنچىلىقى (ئوتىغۇچ بىلەن قىلىنىدىغان دېھقانچىلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولغان. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى كىشىلەرنىڭ ئوزۇقلۇقىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئانچە زور بولمىغان. كىشىلەر پەقەت پەسىل خاراكتېرلىك نىسپىي ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان. يېڭى تاش قورال ەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە مېتال قوراللار دەۋرىگە كەلگەندە، كەڭ كۆلەملىك يېزا ئىگىلىك ئېتىز - ئېرىق تېرىقچىلىقى (ساپان بىلەن تېرىلىدىغان دېھقانچىلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە مەڭگۈلۈك خاراكتېردىكى ئولتۇراقلاشقان يېزا - كەنتلەر بارلىققا كەلگەن. دېھقانچىىلق قەبىلىرى ئاساسەن تېرىقچىلىق (ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دەسلەپكى تېرىلغان زىرائەتلەر: ياڭيۇ، تالىقياڭيۇ، كۆممىقوناق؛ شەرقىي ئاسىيادا شال، تېرىق؛ غەربىي ئاسىيادا بۇغداي، ئارپا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان) بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە چارۋا باقمىچىلىقىنى قوشۇمچە قىلغان؛ ئولتۇراق تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلاردا يەر ئومۇمنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، ئادەتتە ئۇرۇق، ئائىلىلەرنىڭ تېرىقچىلىق قىلىشىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۆسۈشى، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى، ئايرىۋاشلاش ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن دېھقانچىلىق قەبىلىلىرى پەيدىنپەي يېزا كوممۇنىسىغا ئايلانغان.