Uyghur主要词典
نوكادرىيە باكتېرىيىسى
بىئولوگىيە
ئاكتىنومىتسېسلارنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى. ئالدىنقى دەۋردە باكتېرىيە يىپچە تەنچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، بەزىلىرى ئاز مىقداردا ھاۋادا ئۆسىدىغان باكتېرىيە يىپچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، باكتېرىيە يىپچىسى يېتىلىپ بەلگىلىك دەرىجىگە كەلگەندە (15 سائەتتىن تۆت كۈنگىچە ئۆستۈرگەندە) توغرا پەردە ھاسىل قىلىپ ئۈزلۈكسىز تەرتىپسىز تاياقسىمان ياكى كىچىك تەنچىلەرگە ئايلىنىدۇ. گرام پىلۇس خۇسۇسىيەتلىك، بەزىلىرىدە ئاجىز كىسلاتاغا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتى بولىدۇ. باكتېرىيە توپى كۆپ خىل ھالەتتە بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ يۈزى قۇرغاق بولۇپ ئاسان ئۇۋىلىدۇ، بەزىلىرى يۇمشاق بولۇپ قايماققا ئوخشايدۇ. بەزىلىرى تېرىسىمان بولۇپ، دائىم ئاچ قىزىل، سېرىق، سارغۇچ يېشىل، قىزىل، بىنەپشە ياكى باشقا رەڭدە بولىدۇ. نوكادرىيە باكتېرىيىسى مەخسۇس ئوكسىگېنلىق نەپەسلىنىدۇ، كۆپ ساندىكىلىرى تۇپراقتا چىرىندىخورلۇق بىلەن ئاز ساندىكىلىرى پارازىتلىق بىلەن ياشايدۇ، ئايرىمىلىرى ئادەم ۋە ھايۋانلاردا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، يۇلتۇزسىمان نوكاردىيە باكتېرىيىسى ئادەمدە جايلىق ئورۇندا ياكى پۈتۈن خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزىلىرى ئانتىبىئوتىك ئىشلەپچىقىرىدۇ، بەزىلىرى پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە نېفىتتىن موم ئايرىشتا ئىشلىتىلىدۇ.