Uyghur←Chinese主要词典
نويۇن ئۇلا
دۇنيا تارىخى
诺因.鸟拉
nuò yīn .niǎo lā
ھون باشلىقلىرىنىڭ قەبرىلىرى. موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدا، ئۇلانباتۇرنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 130 كىلومېتىر كېلىدىغان نويۇن ئۇلار تېغىدا. مىلاددىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىردىن مىلادى ئەسىرنىڭ باشلىرىغا مەنسۇپ تەخمىنەن 200 دەك چاسا شەكىلدىكى قەبرە بار. 1924 - 1925-يىللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخېئولوگى كوزلوۋ قېزىش ئىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. يەر ئاستىدىن لىم ياغاچ قۇرۇلمىلىق تاۋۇت قويىدىغان ئۆي چىققان. ھايۋاناتلار سۈرىتى چۈشۈرۈلۈپ كەشتىلەنگەن سىكىتاي يۇڭ پالازلىرى، تامغا ئاسىدىغان گىلەم، تاۋۇت رەختى قاتارلىقلار تېپىلغان. ھونلارغا خاس قورال - ياراق، قاچىلاش ئەسۋابى ۋە كىيىم - كېچەكلەردىن باشقا، يەنە جۇڭگودىن كىرگەن زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى، برۇنزا كۆرگۈ، تاۋار - دۇردۇن، شايى توقۇلما بۇيۇملار چىققان. ئۇنىڭ ئىچىدە غەربىي خەن سۇلالىسى جيەنپېڭنىڭ 5-يىلى (مىلادى 2-يىلى) دېگەن تامغا بېسىلغان سىرلانغان قاچىلارمۇ بار. بۇ تېپىلغان نەرسىلەر خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى جۇڭگو بىلەن زىچ ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن مەزگىلدىكى ھۇنلار مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە باكتىرىيە، پېرسىيە، كىچىك ئاسىيا رايونىدا ئىشلەنگەن يۇڭ توقۇلما باۇيۇملارمۇ تېپىلغان. بۇ شۇ چاغدا <يىپەك يولى> ئارقىلىق بولىدىغان سودا - سېتىنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.